داغىستانلىق مۇسۇلمان بوكس ماھىرى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

داغىستانلىق مۇسۇلمان بوكس ماھىرى ھەبىب نۇرماگومېدوۋنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقى قىززىق تېما بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1066923
داغىستانلىق مۇسۇلمان بوكس ماھىرى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داغىستانلىق مۇسۇلمان بوكس ماھىرى ھەبىب نۇرماگومېدوۋ لاس ۋېگاستىكى قەپەز ئۇرۇشىدا، دەسلەپتە ئىسلامغا ئاندىن دۆلىتى ۋە ئائىلىسىگە ھاقارەت قىلغان ئىرلاندىيەلىك بوكىس ماھىرى مېك گىرېگورنى يەر چىشلىتىپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئۆبجەش مۇشتلىشىش سەنئەتلىرى يېنىك دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدا چىمپېيونلۇق كەمىرىنى قوغداپ كەلگەن بوكىس ماھىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇليانوۋىسىكتە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا پۇتىن ھەبىب نۇرماگومېدوۋنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

پۇتىن ھەبىب نۇرماگومېدوۋنىڭ مۇسابىقىلارغا شەخسىي نامىدىن قېتىلغىنى بىلەن يەنىلا رۇسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى يېقىندىن تەقىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

پۇتىن ھەبىب نۇرماگومېدوۋنىڭ مۇسابىقىدە بارلىق سەلىبىيلىكلەرگە قارىماستىن، ئىنتايىن ئىپتىخارلىق بىر شەكىلدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن تەنتەربىيەنىڭ دوستلۇققا ئاتالغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەنتەربىيەچىدىن رەقىبلىرى بىلەن ئىللىق ئەمما رىقابەتچى ۋە ياخشى ئىنسانىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن: بىراق سىرتتىن بىرەر مۇداخىلە كەلگەن تەقدىردە، يالغۇز سەنلا ئەمەس، ئەلۋەتتە بىزمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز. لېكىن ئىشنىڭ بۇ نۇقتىغا كەلمىگىنى ياخشى» دېدى. 

ھەبىب نۇرماگومېدوۋ بولسا، ئۆزىگە مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن ئەمەس، ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بىلەن باھا بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ھەبىب نۇرماگومېدوۋ رەقىبىنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىق ھەرىكەتلىرى تەرەپكە دىققەتنى تارتقان ھالدا: «دۆلىتىمگە ۋە ئائىلەمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان مىك گىرېگوردىن پەرقلىق شەكىلدە شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىمغا قارىماي، ھازىر كىشىلەر مەيداندىن سىرتقا ئاتلىغالىقىمنىلا بەس مۇنازىرە قىلىشماقتا. بىراق مەن شەرەپلىك بىر پوزىتسىيەنى نامايان قىلدىم» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر