چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 28.09.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1058643
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 28.09.2018

 

ئىراننىڭ «İRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ياۋروپانىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس يۈكى ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «Fars» خەۋەر ئاگېنتلىقى پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت بىلەن بىرگە ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە زىياەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئۆزبېكىستان پالاتاسى باشلىقى نىغمەتۇللاھ يولداشېۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيەنىڭ «Sankei Shimbun» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بالدۇررۇق ئىشقا ئاشۇرۇلىشىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىتالىيەنىڭ «ANSAmed» خەۋەر تورى، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قولىدا رەسمىي ھۆججەتلىرى بولمىغان تۇرۇغلۇق تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان ياكى ياۋروپاغا ئۆتمەكچى بولغان 791 كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي 5979 كىشىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Kommersant» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە چېگرالىرىدا تېررورىزمنىڭ ئوۋا تۇتۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ب د ت مەغلۇبىيەتلىرى بىلەن نام چىقارماقتا. قايتىدىن رەتكە سېلىنىشى لازىم. بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەقەت 5 خەلقئارالىق كۈچكىلا خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان چېتىشلىقى سەۋەبىدىن نازارەتكە ئېلىنغان ۋە ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىش جازاسى بېرىلگەن ئامېرىكىلىق راھىپ ئاندرېۋ بىرۇنسونغا دائىر قارارلارنى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىسپانىيەنىڭ «ABC» مېدىيا ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، سۈرىيەدىن تۈرىيەگە كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنى بېقىش جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم قىلمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «El Cezire» تېلېۋىزىيە قانىلى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «Reuters» ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «ئەسەد ھۆكۈمەت بېشىدىلا بولىدىكەن، سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەزەربەيجاننىڭ «بىزنىڭ يول» گېزىتى، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا ھەربىي ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «غەلىبەگە تۇتاشقان يول» ناملىق چەت ئەللىكلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش كىتابىنىڭ تۈركچە نۇسقىسىنىڭ 25سىنتەبىر كۈنى نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر