ئاتاقلىق چويلا توپ چولپىنى رافېل نادال خىتايدىكى مۇسابىقىلارغا قاتناشمايدىغان بولدى

چويلا توپتا دۇنيا بىرىنجىسى ھېسابلىنىدىغان ئاتاقلىق تەنتەربىيەچى رافېل نادال خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلارغا قاتناشمالىق قارارى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1053046
ئاتاقلىق چويلا توپ چولپىنى رافېل نادال خىتايدىكى مۇسابىقىلارغا قاتناشمايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يالغۇز كىشىلىك چويلا توپ مۇسابىقىلىرىدا ئەرلەر بويىچە دۇنيا بىرىنجىسى ھېسابلىنىدىغان ئاتاقلىق ماھىر رافېل نادال خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلارغا قاتناشمايدىغان بولدى.

32 ياشلىق ئاتاقلىق چويلا توپ چولپىنى رافېل نادال ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سالامەتلىك ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ: «بارسېلونادىكى دوختۇرۇم بىلەن كۆرۈشۈپ، تىزىمنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتىم. تىزىمدىكى ئاغرىق داۋاملاشماقتا ۋە بۇ يېڭى ئەھۋال ئەمەس. سەھىيە ۋە تېخنىكا گۇرۇپپام بىلەن ئورتاق ئالغان قارارىمىز نەتىجىسىدە، ئاسىيا مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى مۇسابىقلارغا قاتناشمايدىغان بولدۇم. دەم ئېلىشىم ۋە ياخشىلىنىشىم لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر