«ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ»

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى جىنايەتلىرىگە دائىر دېلو تۇرغۇزغان ۋە جىددى تەكشۈرۈش باشلىغان بولغاچقا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1047095
«ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ»

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاق سارايدىكى دۆلەت خەۋىپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىزگە نىسبەتەن بۇرۇنلا ئۆلۈكتۇر» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاق سارايدىكى دۆلەت خەۋىپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون تۈنۈگۈن مەركىزى ۋاسىنگىتوندا تۇرۇشلۇق «فېدېراتسىيەنى ياقىلىغۇچى خەلق» ناملىق ئاممىۋىي تەشكىلاتتا سۆز قىلدى.

بولتون: «11سىنتەبىرنىڭ خاتىرە كۈنى ھارپىسى ئۈچۈن، يەنى بۈگۈن ئۈچۈن ھەمدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۈچۈن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بەدىلى نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، خەلقىمىزنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بۇ ئادالەتسىز، قانۇنسىز سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا قارشى قوغدايمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

جون بولتون: «ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ. ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئەزامۇ بولمايدۇ. ئۇنى ئۆز ئىچىدە ئۆلۈشكە تاشلاپ قويىمىز. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ئالغان قارارلىرى ۋە ئۇرۇنىشلىرى بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىزگە نىسبەتەن ئۆلۈكتۇر» دېدى.

مەركىزى گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش مۇپەتتىشى فاتو بېنسۇدا ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئام جىنايەتلىرى ھەققىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سونغان ھۆججەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى سوت باشلىقىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

فاتو بېنسۇدا 2015يىلى پەلەستىن ۋەزىيىتىگە دائىر دېلو تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدىن تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىشخانام ئېلىپ بارغان ئالدىن تەكشۈرۈشلەردە مۇھىم مۇساپىلەرنى بېسىپ بولدى ۋە يەنە ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىدى.

پەلەستىن ئىيۇل ئېيىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى جىددىي بىر تەكشۈرۈش باشلاش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولغان ئىدى.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

فاتو بېنسۇدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگىتوندىكى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىشخانىسىنى تاقىۋتىش قارارى ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر