دانىيەدە تۈرك ساياھەتچى چۈمپەردە جازاسىغا ئۇچرىدى

دانىيەدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان ۋە چۈمپەردە تارتقان تۈرك ساياھەتچى يېقىندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «كىيىم - كېچەك بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ پۇل جازاسىغا ئۇچرىدى.

1043734
دانىيەدە تۈرك ساياھەتچى چۈمپەردە جازاسىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي جۇتلاند ساقچىخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ۋىزا مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئارھۇس شەھىرىدىكى ساقچىخانىغا بارغان 48 ياشلىق تۈرك ساياھەتچى، يۈزىنىڭ يېپىق بولۇشى ۋە پەقەت كۆزلىرىنىڭلا ئوچۇق بولۇشى تۈپەيلى  «كىيىم - كېچەك بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مىڭ كرون (تەخمىنەن مىڭ لىرا» پۇل جازاسىغا ئۇچرىغان.

پۇل جازاسىغا ئۇچرىغان چۈمپەردىلىك ئايال تەرجىماننىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ساقچى تەرەپكە بەرگەن باياناتىدا، بۇنداق بەلگىلىمىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى، بىراق پۇل جازاسىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئايالنىڭ ساياھەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇلنى دەرھال تۆلىشى شەرت بولغانلىقتىن، تۈرك ساياھەتچى پۇل جازاسىنى تۆلىگەندىن كېيىن يۈزىنى بىرئاز ئاچقاندىن كېيىن ساقچىخانىدىن ئايرىلغان.

دانىيەدە 1 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئىجتا قىلىنىشقا باشلىغان «كىيىم - كېچەك بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ھازىرغىچە 3 كىشى پۇل جازاسىغا ئۇچرىغان.

مەزكۇر بەلگىلىمە دۆلەت ئورۇنلىرىدا كۈچكە ئىگە بولۇپ، چايشاپ ۋە چۈمپەردىنىڭ سىرتىدا نىقاب ۋە سۈنئىي ساقال قاتارلىقلار بىلەن يۈزىنى يۆگەش چەكلىنىدىكەن.

بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر بىرىنچى قېتىم مىڭ كرون، ئىككىنچى قېتىم 2 مىڭ كرون، ئۈچىنچى قېتىم 5 مىڭ كرون پۇل جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. بەلگىلىمىگە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلغانلارغا ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن  10 مىڭ كروندىن پۇل جازاسىغا ئۇچرايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر