غەربكە قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟

غەربتىن سىرتقى جەمئىيەتلەر غەربكە قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك؟

1018949
غەربكە قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى ئىككى ئەسىردىن بۇيان غەرب ئەللىرىنىڭ ھەممىسى مەيلى ئاز بولسۇن، ياكى كۆپ بولسۇن، غەربلىشىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، غەربنىڭ ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بۇ مەزگىلدە قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان خاراكتېرىدۇر. غەربكە قارشى  كۈرەشلىرىدە مەغلۇب بولغان  جەمئىيەتلەر، ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە مەلۇم نىسبەتتە غەربلىشىش باسقۇچىنىڭ قاينىمىغا كىرمەكتە.

غەربتىن سىرتقى  جەمئىيەتلەرنىڭ غەربكە يېڭىلىشىنىڭ سەۋەبى شەك – شۈبھىسىز ھالدا غەربتىكى ئۆزگىرىشلەردۇر. بۇ  جەمئىيەتلەرنىڭ تارىخ، ئەنئەنە، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن زامانغا ماسلىشالماسلىقىدۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالماسلىقىدۇر، ياكى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇشۇ بولسا كېرەك.

شۇڭا، كەلگۈسى ئەسىرلەردىمۇ ئۆز مەۋجۇدىيەتلىرىنى ساقلاپ قالالىشى ئۈچۈن، بۇ  جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس يۆنىلىشى، ئونتولوگىيەلىك نۇقتىئىينەزەر ۋە ئېپىستېمولوگىيەلىك ئاڭغا ئاساسەن ئىزچىل ئىزدىنىشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ  جەمئىيەتلەرنىڭ بۇنداق ئىزدىنىشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بىراق كۈندىلىك ھايات ئېقىن سۇغا ئوخشاش توختاۋسىز ئاقىدۇ. شۇڭا، «غەرب  جەمئىيەتلىرى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى يېڭىلىسۇن، ئاندىن غەرب بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتسۇن» دېگىلى بولمايدۇ.

غەرب  جەمئىيەتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن داۋاملىق ئىزدەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، كۈندىلىك ھايات ئېقىنىنى توختاتقىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە، ئونتولوگىيەلىك جەھەتتىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرۇپ، غەربتىن سىرتقى  جەمئىيەتلەرنىڭ غەرب بىلەن، غەربنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقى، غەربكە قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سوئال ئەقىلگە كېلىشى مۇمكىن.

ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئوخشىغان مىسلىسىز چوڭ مەدەنىيەتلەر نە تۈنۈگۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان، نە ئەسلى بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئەمەستۇر.

ئۇزۇن يىللاردىن ھالقىغان تەجرىبە – ساۋاقلىرى، ناھايىتى كۆپ ۋە ئوخشىمىغان  جەمئىيەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مىسلىسىز تەجرىبىلىرى بىلەن ھازىرمۇ ئۆزىگە خاس ماياكلار ۋە ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئىگە. بۇ ماياكلار بۈگۈن مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتۇشقا يېتەرلىكتۇر.

دېمەك، ئىسلام بىر قېتىمدىلا ئەمەس، ھاياتنىڭ ئېقىشى ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە زامانغا يېيىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەندۇر.

غەربتىن سىرتقى  جەمئىيەتلەر بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆپ يۆنىلىشلىك ھالدا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، غەربكە قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟ ياكى غەربكە قارىتا يۆنىلىشىنى قانداق بلگىلەيدۇ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تۈنۈگۈنمۇ مۇھىم ئىدى، ئەمما بۈگۈن تېخىمۇ مۇھىمدۇر. غەربنىڭ يېقىنقى ئىككى ئەسىر مابەينىدە پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. ئەڭ مۇھىمى، بۈگۈنكى كۈندە غەربتىن سىرتقى  غەربتە ئون مىليونلارچە غەربتىن سىرتقى جەمئىيەتلەردىن كەلگەن ئىنسان ياشىماقتا. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان جۇغراپىيە بىلەن، غەرب  جەمئىيەتلىرى بىلەن ئورنىتىدىغان مۇناسىۋەت ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەم ئىشغال سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن غەربتىن سىرتقى جەمئىيەتلەردە، ھەم ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن غەربتە ياشاۋاتقان غەرب سىرتىدىن كەلگەن جەمئىيەتلەردە غەربنى يامان كۆرۈش خاھىشىنىڭ دائىرىسى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كەڭدۇر. غەربنىڭ ئىشغال ياكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ غەربنى نېمىشقا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزىدە غەربنى يامان كۆرۈش تۇيغۇسى پەقەت غەرب بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، كۈندىلىك ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىنى قورشىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. ئانتى غەرب، ئانتى مودېرنىست، ئانتى كاپىتالىست، ئانتى يەر شارىلىشىش ئېقىملىرى ھەر ساھەدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

يامان كۆرۈش تۇيغۇسى بەزىدە شەخسلەر ياراتقۇچىغا بەرمەيدىغان بىر كۈچنى، ئۆزلىرى قارشى بولغان بىر نەرسىگە بېرىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمەكتە. «پۈتكۈل دۇنيانى باشقۇرىدۇ، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى قورشىۋالغان، نېمىنى خالىسا شۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە» دېگەندەك قاراشلار بىلەن، مودېرنىزمغا، يەر ياشىلىرىشىشقا، غەربكە، سىيونىزمغا، تەڭرى خاراكتېرلىك كۈچ بېغىشلىماقتا.

شەك – شۈبھىسىزكى، غەرب ۋە غەرب مەدەنىيىتى ئىچىدە قارشى چىقىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار. خاتا بولغىنى، سوغۇققانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلاردىن كېيىنكى قارشى چىقىشلار ئەمەس، قارىغۇلارچە پۈتۈنلەي قارشى چىقىشتۇر. بەلكى چارىسىزلىق، مەغلۇبىيەت، ھەر تەرەپتىن قورشىلىش، بوزەك قىلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ھەممە نەرسىگە قارشى چىقىش ۋە قارشى چىققان نەرسىنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش بىرئاز تەسەللى بولۇشى مۇمكىن. بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىغا، بولۇپمۇ ياشلارغا جەزبىدارلىقتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، قارشى چىقىش ئېڭى نۇرغۇن نەرسىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن.

 بىراق، قارشى چىقىش بىلەن، ياكى بىر نەرسىگە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى، ھېچقانداق بىر توغرا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

بىر ئىنساننىڭ، ئىدېئولوگىيەسىگە، قارىشىغا زىت بولغان نەرسىگە قارشى چىقىشى، نۇقتىئىينەزىرىنى بۇنىڭغا قاراپ شەكىللەندۈرۈشى، ئۇنىڭ ئۆزى قارشى چىقىۋاتقان نەرسىگە تەسلىم بولۇشىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، نارازىلىق بىلدۈرىمەن دەپ، پۈتۈنلەي دۈشمەنلىك قىلىش، تەسەللىدىنمۇ بەكرەك، ھەر تەرەپتىن قورشىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىشتىن، ھاياتتىن، دۇنيادىن ۋە ھەقىقەتلەردىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشتىن باشقا نېمىگە يارايدۇ؟ پەقەت دۈشمەنلىككە ئاساسەن ئۆز مەۋقەسىنى بەلگىلەش، ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش، قارشى بولغان نەرسىنىڭ توغرا تەرەپلىرىنى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپلا قالماي، يەنە چارىسىزلىكنىمۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق نارازىلىقلار ئادەتتە ئىنساننى ئۆزى قارشى چىقىۋاتقان ئىشنى قىزغىن قوللاشتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاشھاشىلەر بىلەن ئەھلىسەلىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بۈگۈنكى كۈندىكى رادىكال ئېقىملار بىلەن غەربلىك بەزى ئاخبارات تەشكىلاتلىرى  ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ روشەن مىساللىرىدۇر. ھالبۇكى، بۈگۈن بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان نەرسە، بىزنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ، مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش، بېكىنمىچىلىك، مەغلۇبىيەت پىسخولوگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممە نەرسىگە قارشى چىقىش، ھەممە نەرسىنى رەت قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە، ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشقا تىرىشىشتۇر. شۇڭا، قارشى چىقىشنىڭ جەزبىدارلىقىغا، قۇرۇق ۋەدىلەرگە، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان زىيالىيلارنىڭ ۋالاقتەككۈرلۈكىگە ئالدانماستىن، سوغۇققانلىق بىلەن، ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەممە تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسىلىگە مۇشۇ نۇقتىدىن نەزەر تاشلىغاندا، سۆزنى، «غەربكە قارشى تەرەپتە تۇرۇپ» ئەمەس، «غەربكە قارىتا» قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش؟ سوئالى ئارقىلىق باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

چۈنكى، «غەربكە قارشى چىقىش» ئىبارىسى، مەسىلىنىڭ بېشىدىلا بىر نەرسىگە قارشى چىقىشنى ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە، دۈشمەنلىك ئۈستىدىن پوزىتسىيە تۇتۇش، بىزنى توغرا يولدىن ئاداشتۇرۇپ، بىز قارشى چىقىۋاتقان نەرسىگە تەسلىم بولۇشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، «غەربكە قارشى» پوزىتسىيە تۇتۇش، تەبىئىي ھالەتتە غەربنى مەركەزگە قويۇش پوزىتسىيەسىدۇر. ھالبۇكى، غەربتىن سىرتقى  جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى، كۈلتۈر ھەم مەدەنىيەتلىرىنى مەركەزگە قويغان ھالدا پوزىتسىيە تۇتۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

بىزنىڭ قارىشىمىزغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا، بىزنىڭ قارىشىمىزنى تەبىئىي ھالەتتە ئىسلام، ئىسلام مەدەنىيىتى، تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز بەلگىلىشى كېرەك.

ئۇنداقتا، ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا غەربكە قارشى قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز كېرەك؟ غەربكە قارىتا قارىشىمىز قانداق بولۇشى لازىم؟

بۇ تالاش – تارتىش يېڭىمۇ ئەمەس. چۈنكى، بۇ تالاش – تارتىشنىڭ باشلانغىنىغا 2 ئەسىردىن ئاشتى. شۇڭا، بىز ئانالىزلىرىمىزنى مۇشۇ تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئاساسەن داۋاملاشتۇرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر