دانىيەدە بۇرقا ۋە چايشاپ چەكلىمىسى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى

دانىيەدە ئۆتكەندىن يىلدىن بۇيان تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان بۇرقا ۋە چايشاپ چەكلىمىسى پارلامېنتتىكى ئاۋازغا قويۇشتا 0 غا قارشى 70 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

983144
دانىيەدە بۇرقا ۋە چايشاپ چەكلىمىسى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرقا ۋە چايشاپ چەكلىمىسىگە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىدىغان 3 ئورتاق لىبېرال پارتىيە ۋېنسترې، مۇھاپىزىرىكار خەلق پارتىيەسى ۋە لىبېرال ئىتتىپاقداش پارتىيە بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەتنى سىرتتىن قوللىغان ئاشقۇن ئوڭچىل دانىيە خەلق پارتىيەسى ۋە سوتسىيال دېموكرات  پارتىيەسىمۇ قوللاپ ئاۋاز بەردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان چەكلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ئورۇنلىرىدا بۇرقا ۋە چايشاپ  بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 1000 كرون (700 لىرا) جەرىمانە قويۇلىدىكەن.  چەكلىمىگە ئۇدا 4 قېتىم  ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك خىلاپلىق قىلغانلارغا بولسا ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن  10 مىڭ كروندىن (7 مىڭ لىرا)دىن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

دانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى سۆرەن پاپې پوئۇلسېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساقچىلارنىڭ بۇرقا ۋە چايشاپ ئارتقان ئاياللارنىڭ يۈزىنى زورلاپ ئاچمايدىغانلىقىنى،  جەرىمانە قويغاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر