چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 25.05.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

978991
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 25.05.2018

 

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزىدە «دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى چارە تىپىشتىن ئاجىز 5 دائىمىي ئەزاغا تۇتقۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىنىكلەرنى قوغداش ئۈچۈن ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى پەلەستىنگە ئەۋەتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت بېتى، ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرى سارايېۋودا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەردوغاننىڭ ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۆزىلىرى تۇراۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نۇپۇسىغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، بىراق ئۆز كۈلتۈرلىرىنىمۇ مۇداپىئە قىلىشى لازىملىقىنى جىكىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

قىرىمنىڭ «QHA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، باش مىنستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «گىرېتسىيە 2016 - يىلى 15 - ئىيۇلدا تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان خائىن ئەسكەرلەرنى ھېمايە قىلدى. گىرېتسىيە سوت مەھكىمىسى ھەربىي ئۆزگىرىشتە قوربان بولغانلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيەنىڭ كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بوسنىيە گېرىتسىگوۋېناغا مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Ria Novosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلا رەھبىرى نىكولاس مادۇرونى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت رەئىسلىكى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا تور بېتى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاىنشگىتوندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى (SETA DC)  باشلىقى قادرى ئۈستۈن، ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى بىتەرەپ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇش رولىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ « AzerTac» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ دېئاسپوراغا مەسئۇل دۆلەت كومىتېتى باشلىقى فۇئات مۇرادوۋنىڭ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان بىلەن كۆرۈشگەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا ئىسمائىل قەھرىمان «ئەرمېنىيەنىڭ ئاشغالىيىتى  ئاستىدىكى قاراباغ مەسىلىسىلار ئەمەس، بەلكى بىزنىڭمۇ مىللىي مەسىلىمىزدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر