مۇبارەك رامىزان ئېيى باشلاندى

ئىسلام دۇنياسى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۇدا بىر ئاي رامىزان روزىسى تۇتىدۇ.

972403
مۇبارەك رامىزان ئېيى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى بولغان ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۆمىنلەر پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىش ئۈچۈن، بىر ئاي بويىچە يەپ – ئىچىشنى تەرك ئېتىدۇ.

 بۇ ئايدا رامىزانغا خاس كەچلىك تاماق سۈپىتىدە ئىپتار قىلىنىدۇ، كېچە تامىقى سۈپىتىدە سوھۇرلۇق يېيىلىدۇ. خۇپتەن نامىزى بىلەن بىرلىكتە رامىزان ئېيىغا خاس تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلىدۇ.

پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيمىز، جانابىي ئاللاھتىن بارلىق مۆمىنلەرنىڭ تائەت - ئىبادەت ھەم دۇئالىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر