تۈركىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرى مۇئەييەنلەشتى

ئالدىمىزدىكى 24 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ نامزاتلىرى رەسمىي مۇئەييەنلەشتى.

964206
تۈركىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نامزاتلىقى بۈگۈن رەسمىيلەشتى. 

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئورتاق نامزاتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نامزاتلىق ئۈچۈن سايلام ئالىي كېڭىشىگە ئىلتىماس سۇندى.

ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىقى ئۈچۈن باش مىنىستىر شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىس دەۋلەت باشچەلى سايلام ئالىي كىڭىشىگە بىرلىكتە ئىلتىماس سۇندى. بىنالى يىلدىرىم بىلەن دۆۋلەت باھچەلى پارتىيەلىرىنىڭ قارارىنى سايلام ئالىي كېڭىشىگە يەتكۈزدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى يالوۋا پارلامېنت ئەزاسى مۇھەررەم ئىنجى بولدى. 

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك رىقابىتىدە ئىلگىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ رەقىبى بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ نامزاتلىقىنى قىلىچدارئوغلۇ ئۆزى ئېلان قىلدى.

سايلام ئالىي كېڭىشى نامزاتلىققا ئىلتىماس سۇنغان ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پىرىنچەك، ئىيى پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر، سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ۋە ئادالەت پارتىيەسى رەئىسى ۋەجدەت ئۆزنىڭ ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىيى پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىمزا توپلاشنى باشلىدى. 

مەرال ئاقشەنەر ئىستانبۇل ئۇسكۇداردىكى سايلام كېڭىشىگە بېرىپ نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىمزا قويۈپ بەردى.

مەرال ئاقشەنەر پىرېزىدېنت نامزاتى بولالىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن 100 مىڭ ئىمزا تولىيالىشى لازىم.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر