ئەردوغان: تۇرغۇت ئۆزال خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8 – جۇمھۇر رەئىس تۇرغۇت ئۆزالنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 8 – جۇمھۇر رەئىس تۇرغۇت ئۆزال ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە خەلقىنىڭ تۇرغۇت ئۆزالنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۇرغۇت ئۆزالنىڭ تۈركىيەنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينىغان تاللانغان دۆلەت ئەربابى ۋە تالانتلىق سىياسىييون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۇرغۇت ئۆزالنىڭ تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشى يولىدا قىلغان خىزمەتلىرى ۋە قوشقان تۆھپىلىرىدىن سىرت يەنە، 1980 – يىللاردا دېموكراتىيەنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەنمۇ تۈركىيە خەلقىنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋاپات بولغىنىغا 25 بولغان مەرھۇم 8 - جۇمھۇر رەئىسىمىز تۇرغۇت ئۆزالغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن، ھەمدە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.