ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جامەگە ئوت قويۇپ بەرگۈچىلەر قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا بىر جامەگە بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 4 گۇماندار قولغا ئېلىندى.

929321
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جامەگە ئوت قويۇپ بەرگۈچىلەر قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىننېسوتا ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەزكۇر 4 گۇماندارنىڭ «ئاپتوماتىك قورال ساقلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى ھەمدە گۇماندارلارنىڭ مايكېل ھارى (47 ياش)، جو موررىس (22 ياش)، مايكېل ماكۋوتېر (29 ياش) ۋە ئېلىس ماك (18 ياش) ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ بلومىڭتون رايونىغا جايلاشقان «<دارۇل فارۇق> ئىسلام مەركىزى» گە بامدات نامىزى ھارپىسىدا قىلىنغان ۋە ئىمامنىڭ ئىشخانىسى زىيانغا ئۇچرىغان بومبا ھۇجۇمى ئىشتات ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

مىننېسوتا ئىشتاتىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىقىغا سايلانغان ۋە تەخمىنەن 10 يىلدىن بۇيان دۆلەت مەجلىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى كىس ئېلېسېن ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «بۇ جامەگە، بۇ ئىبادەتخانىغا بومبا ئاتىدىغان بىر كىشىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن خۇش كۆڭۈللۈك بىلەن، چىرايلىقچە ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشتىنمۇ ياخشىراق يول يوقتۇر. بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلالىسۇق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن چوقۇم بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز» دېگەن ئىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن يەرلىك ساقچىلار فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسى بىلەن ھاراق، تاماكا، قورال - ياراغ ۋە پارتلاتقۇچلار بىيورۇسى بىرلىكتە ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر