«قۇددۇس» ئەرەب مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى

«قۇددۇس» ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ئەرەب مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى» ئېلان قىلىندى.

928259
«قۇددۇس» ئەرەب مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن «‹WAFA› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى مەركىزىي بىناسىدا «ئەرەب خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

قۇددۇسنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىسلامىي تەتقىقاتلار ئورگىنىنىڭ باشلىقى خەلىل كارراجە ئەررىفائىي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتمۇ پائالىيەتكە قاتناشقان. ئەررىفائىي بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇددۇسنى «ئەرەب مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش ۋە ئەرەب خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنىنىڭ قۇددۇس مىراسىغا خاس قىلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر