ئەمىنە ئەردوغان تۇنجى قېتىم ئىنستاگرامنى ئىشلەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۇنجى قېتىم فوتو سۈرەت ھەمبەھىرلەشكەن ئىنستاگرام سەھىپىسىدە 8 – مارت خانىم – قىزلار بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى.

926070
ئەمىنە ئەردوغان تۇنجى قېتىم ئىنستاگرامنى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئىنستاگرام سەھىپىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئاياللار بىلەن ھەمىشە بىر گەۋدىلەشتۇق. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق خانىم – قىزلارنىڭ 8 – مارت خانىم - قىزلار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن!»

ھەر خىل پائالىيەتلەردە خانىم – قىزلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان 4 فوتو سۈرەتنىمۇ ھەمبەھىرلەشكەن  ئەمىنە ئەردوغان بۇ فوتو سۈرەتلەر ۋە باياناتىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدىمۇ  ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر