سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

922113
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا رۇخسەت قىلدى.

رىياددا چىقىدىغان ئەلقۇدۇس ئەل ئەرەب گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا 18 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار تەكلىپ قىلىنغان.

ئاپرىل ئېيىدا مەككىدىكى يېپىق تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ سىناق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۇنجى ئۇچۇق ھاۋا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ بولسا، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئاياللارنىڭ تەنتەربىيە زاللىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم پۇتبۇل مۇسابىقىسىدا ئايال تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئايرىم بۆلۈم تەسىس قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر