تۈرك ياشلىرى ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ قىسقا فىلىم ئىشلىدى

كونيانىڭ جىھانبەيلى ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى ياشلار مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ قىسقا فىلىم ئىشلىدى.

918513
تۈرك ياشلىرى ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ قىسقا فىلىم ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەزى بۆلۈملىرى ناھىيە چېگرالىرى ئىچىدىكى «تۇز كۆلى» دە ئىشلەنگەن فىلىمدە، ناھىيە خەلقى رول ئالدى ۋە قىسقا جۈملىلەر ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تونۇشتۇرۇپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك سىگنالى بەردى.

كوردچە ئىپادىلەرمۇ ئىشلىتىلگەن فىلىمدە، ۋىيانادا ياشاۋاتقان جىھانبەيلى سۇنا ياغجىنىڭ سۆزلىرى دىقققەت قوزغىدى.

فىلىمدە ياغجىنىڭ: «جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرى! سىز ئۇ يەردە قەددىڭىزنى تىك تۇتسىڭىز، بىزمۇ بۇ يەردە قەددىمىزنى تىك تۇتىمىز. كۆپ ياشاڭ، رەئىس ئالىيلىرى!» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىشىلگەن ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن فىلىمنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، «تۇز كۆلى» دە ساماغا دەسسەۋاتقان كورد ياشلاردىن بىرى، كورد تىلىدا: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرى! سىزنى بىز تۇزدەك ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز» دېدى.

ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەھمەت قەلئە، ياشلار مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىلەش مەقسىتىدە قىسقا فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەشكە رۇخسەت سورىغاندا ئىنتايىن ھاياجانغانلىقلىرىنى ھەمدە بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر