ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار

ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار.

916854
ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مائىدە سۈرىسى، 1 – 5 – ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار، (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسىنى (زەبھى قىلىنغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال ـ ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ[1]. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) شەھرى ھەرەم (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيىنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار، ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋم (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر[2]. سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[3]. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ـ ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار (ئوۋچى جانىۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) ئاللاھنىڭ نامىنى ياد قىلىڭلار (يەنى بىسمىللا دەڭلار)، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) تىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»[4]. بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر، مۆمىنلەردىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر، كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ[5].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر