مىسىردا 4400 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر مازار بايقالدى
مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى پىرامىتلەر رايونىدا پىرئەۋنلەر دەۋرىگە تەۋە 4400 يىللىق تارىخقا ئىگە مازار بايقالدى.
902847
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىخى يادىكارلىقلار مىنىستىرى خالىد ئانانى مازار بايقالغان رايوندا چەت ئەللىك ئەلچىلەرنىڭمۇ قاتنىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.
خالىد ئانانى ئەلجەبامنە دېگەن جايدا ئانتىك مىسىرنىڭ 5 – خانىدانلىقى دەۋرىگە تەۋە (يەنى مىلادىدىن ئىلگىرى 2494- ۋە 2345 يىللىرىغا تەۋە) بىر مازار تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خالىد ئانانى مازارنىڭ شۇ دەۋلەردە خەلق ئارىسىدا مۇھىم نوپۇزغا ئىگە بىر ئايال كاھىن (راھىپ)غا تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ 2018 – يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئەمەس، بەلكى تۇنجى ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خالىد ئانانى يەنە، 4400 يىللىق تارىخقا ئىگە مازارنىڭ ئۈستىدە ئەڭ نادىر ئۇچرايدىغان ئويمىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.