ئىككى كورېيە تەنتەربىيەچىلىرى بىرلا بايراق ئاستىدا پاراتتىن ئۆتىدىغان بولدى

پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىدە ئىككى كورېيە تەننتەربىيەچىلىرىنىڭ «بىرلەشمە كورېيە» بايرىقى ئاستىدا مېڭىشى ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللاندى.

891300
ئىككى كورېيە تەنتەربىيەچىلىرى بىرلا بايراق ئاستىدا پاراتتىن ئۆتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە تەنتەربىيەچىلىرى پىيوڭ چاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىشىدا بىرلا بايراق ئاستىدا پاراتتىن ئۆتىدۇ.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگراغا جايلاشقان پانجۇمان يېزىسىدا ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئېچىلىشتا ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىدە تەننتەربىيەچىلەرنىڭ «بىرلەشمە كورېيە» بايرىقى ئاستىدا مېڭىشى ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە مۇزتوپ كوماندىسى قورىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن مەسئۇللار يەنە، شىمالىي كورېيەنىڭ پىيۇڭ چاڭدا 230 كىشىلىك پاراتتىن ئۆتۈش گۇرۇپپىسى بىلەن 30 كىشىلىك تېكۋاندو نۇمۇر كۆرسىتىش ئەترىتى ئەۋەتىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. 

ئىككى كورېيە يەنە 9 – فېۋرالدىن 25 – فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىدىكى كۇمگاڭ تېغىدا ئورتاق كۈلتۈر پائالىيىتى شۇنداقلا ماسىكرىيوڭ قار تېيىلىش مەركىزىدە  ئورتاق سىناق مەشىقىمۇ ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋەسىلىسى بىلەن قايتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىىشلارنى باشلىدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر