دانىيال ئەلەيھىسسالام (2)

ئىسرائىل ئوغۇللىرى دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمىدى.

872256
دانىيال ئەلەيھىسسالام (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلار سەركەشلەرچە مۇنداق دېدى:

- ھەر بىرىمىزنىڭ بىردىن ئىلاھىمىز بار، شۇڭا بىزنىڭ كۆرمىگەن ئاللاھ بىلەن ئىشىمىز يوق. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دانىيال ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

- بۇت دېگەن يالغان نەرسە تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ ئىلاھ دەپ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن! بۇنى ھەر بىر ئادەم قول بىلەن ياسىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىلەرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلار ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى قىلغان ئەمەس. سىلەر نادانلىق قىلىپ، بۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا سىلەر گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، پەيلىڭلاردىن يېنىڭلار.

ئىسرائىل ئوغۇللىرى دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىنى زادىلا قوبۇل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئىسمى «تەيقۇر» بولۇپ، ئۇ دانىيال ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھېچيەردىن تاپالمىدى. ئاللاھ تائالا دانىيال ئەلەيھىسسالامنى غايىب قىلغان ۋە ئۆز پاناھىدا ساقلىغانىدى. بىر كۈنى دانىيال ئەلەيھىسسالام پەيدا بولۇپ مۇنداق دېدى:

- گېپىمگە ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغان ۋە ئىمانغا دەۋەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن سىلەر قوبۇل قىلمىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى مەن سىلەرگە ئۆلۈمنى باشلاپ كېلىمەن.

ھالبۇكى، ئۇلار  ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قىلغانىدى. كۈتۈلمىگەندە ئۆلۈم يېتىپ كەلدى، ئارقىدىنلا ئىنسانلار ئۆلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يىغىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، دانىيال ئەلەيھىسسالام ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئى پادىشاھ، دانىيال ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇردى. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ:

- ئۆلۈم دېگەن يوق گەپ، ئۇلار ئۇخلاۋاتقان بولسا كېرەك، شۇڭا، ئوت يېقىپ بېقىڭلار.

ئىسرائىل ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئوت يېقىپ باققان بولسىمۇ،  بىراق ئۆلگەنلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرمىدى. ئۇلار يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانىدى، پادىشاھ:

- گەرچە دانىيال ئۆلۈمنى باشلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۆلۈمگە ھەرگىزمۇ يول قويمايمىز، - دېدى. ئارقىدىنلا پادىشاھ چوڭ بىر ساراي ياسىتىپ، ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، دەرۋازىسىغا قىلىچ، خەنجەرلەر بىلەن قوراللانغان پاسىبانلارنى قويدى، بىر گۈمبەز ياسىتىپ، ئىچىگە ئۆزى كىرىپ، دەرۋازىسىغا قوراللىق پاسىبانلارنى قويدى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى:

- بۇنىڭ ئىچىگە ئۆلۈمنى قەتئىي كىرگىلى قويماڭلار!

كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ قارىسا، ئالدىدا ھەيۋەتلىك بىر ئادەم تۇراتتى، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ:

- سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سورىغانىدى، ئۇ ئادەم مۇنداق جاۋاب بەردى:

- مەن جان ئالغۇچى بولىمەن.

پادىشاھ ئۇ كىشىنى ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن تەختكە تەكلىپ قىلدى ۋە يالۋۇرغان ھالدا مۇنداق دېدى:

- ئى جان ئالغۇچى، ئۆتۈنۈپ قالاي، بىر كۈن تەخىر قىلىڭ، ئەتە قوبۇل قىلاي.

پادىشاھنىڭ بىر كۈنلۈك ئۆمرى قالغانىدى. ئۇ كۈنى جان ئالغۇچى پەرىشتە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ چىقىپ پاسىبانلارغا ئاچچىقلاپ:

  • جان ئالغۇچىنى نېمىشقا قېشىمغا كىرگىلى قويۇشتۇڭ؟ - دەپ ۋارقىرىدى، ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جاللاتلارغا بۇيرۇق قىلىپ ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى. گۈمبەزنىڭ يوچۇقلىرى بار ئوخشايدۇ دەپ، يېڭىۋاشتىن ئىچ – تېشىنى سۇۋاتتى. دەرۋازىغا كۈچلۈك پاسىبانلارنى قويۇپ، خاتىرجەم ئولتۇرغان بىر پەيتتە، ئۇشتۇمتۇت ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام كىرىپ كېلىپ، قاتتىق ئازاب بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر