تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 05.12.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

861499
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 05.12.2017

ھۆررىيەت گېزىتى «سېلىنما ئۈچۈن خالىغان كىشى پۇلىنى چىقىرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ئەنقەرەدە «توسالغۇلارنى يەڭگەنلەر ئۇچرىشىشى» پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، «سېلىنما ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشقا دائىر ھېچ قانداق بۇيرۇق بەرگىنىم يوق. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق ھالدا پوللىرىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ قاچماقچى بولغانلار دېمىسىمۇ خائىندۇر. مېنىڭ دەۋاتقىنىم، كارخانىچىلىرىمىز يەرلىك ۋە مىللىي مەۋقەسىدە مەھكەم تۇرۇشى لازىم. تۈركىيە ئەركىن سودا ئىقتىسادىغا ئىگە بىر دۆلەت. 1980 - يىلىدىن بېرى خالىغان ھەممىلا كىشى چەت ئەلگە پۇلىنى ئېلىپ چىقىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھېچ شۈبھىسىزكى بۇ ھوقۇقى ئوخشاش داۋاملاشماقتا» دېدى.

سىتار گېزىتى، «شەرقىي قارا دېڭىزدىن 112 – دۆلەتكە ئېكىسپورت ئىشقا ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

 شەرقىي قارا دېڭىز ئېكىسپورتچىلار بىرلىكى ئىدارىي ئىشلار كېڭىشى باشلىقى ئەھمەد ھامدى گۈردوغان شەرقىي قارا دېڭىزدىن مۇشۇ يىلنىڭ 11 ئايلىق مەزگىلىدە 112 دۆلەتكە ئېكىسپورت ئىشقا ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەھمەد ھامدى گۈردوغان يازما باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسدىكى ترابزون، رىزە، ئارتۋىن ۋە گۈمۈشخانىدا يانۋار ئېيىدىن نويابىرغىچە بولغان مەزگىلدە 1 مىليارد 297 مىليون 797 مىڭ دوللارلىق ئېكىسپورت سودىسى ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيە شىركىتى، ئاپتومبىلدا سۈنئىي ئەقىل مەسۇلاتلىرى ئۈستىدە خىزمەت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

«DizaynVip» شىركىتى ئىدارىي ئىشلار كېڭىشى باشلىقى ئەرباكان مالكوچ، ئاپتوموبىل يىڭىلىقلىرى ئارىسىدا سۈنئىي ئەقىل ۋە ئىستېرېئولۇق سىستېما قاتارلىقلار ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئاپتوموبىلغا ئاۋاز بىلەن بۇيرۇق بەرگىنىمزدە، جاۋاپ ئالالايدىغان ھەمدە ئاپتوموبىل بىلەن ھېسسىي مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان نىئولوگىيە تېخنىكىسىنى بۇرۇندىنلا ئىشقا سىلىۋاتىمىز. ھازىر بۇنى سۈنئىي ئەقىل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سىكۇنتىنىڭ تۆتتەن بىر قىسمىدا 100 مىڭ تور بەتنى ئۆزئارا كېسىشىتۈرگەن ھالدا، ئەڭ توغرا مەلۇماتلارنى ئالالايمىز. مەسىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە بىرسى خىتايچە گەپ قىلسا مەن تۈركچە ئاڭلايمەن. مەن تۈركچە سۆز قىلغىنىمدا ئۇ خىتاي سۆزۈمنى خىتايجە ئاڭلىيالايدۇ. ئاۋاز چاستوتىنى ھاۋادىلا ئۆزگەرتىمىز» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «شامال ئېنېرگىيەسى چاقپەلەكىنىڭ قانىتىنى لايىھەلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىقىتىگە سۇندى:

ساكارىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتېسنت دوكتور ئەكرەم بۈيۈككايا ۋە لايىھە ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار، تونلارچە ئېغىرلىقىغا قارىماستىن جىددىي بۇرۇلۇش قابىلىيىتىگە ئىگە لەھەڭ قاناتلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، يېڭى دەۋر شامال ئېنېرگىيەسى چاقپەلەك قانىتىنى لايىھەلەپ چىقتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ لايىھەسى مەھسۇلات تەرەققىي قىلدۇرۇش كاتېگورىيەسى ھەل قىلىش باسقۇچىغا تاللانغان 32 لايىھە ئارىسىدا بىرىنچى بولدى. ساكارىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى بىرىنچى بولۇشنىڭ ئىپتىخارى بىلەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى نىشان قىلماقتا.  

ۋەتەن گېزىتى، «بەيتۇللاھ دۇنيا چېمپىيونى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورن ئاجراتتى:

مىيىپ تەنتەربىيە ماھىرىمىز بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ يەنە بىر يېڭى ئۇتۇققا ئېرىشىپ، خەلقئارا مىيىپلار سۇ ئۇزۇش مۇسابىقىسىدا تۈنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. خەلقئارا مىيىپلار ئولېمپىك مۇسابىقىسى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مېكسىكانىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدا، مىللىي تەنتەربىيە ماھىرىمىزنىڭ 50 مېتىرغا ئۇزۈشنى 38.35 سىكونتتا تاماملاپ، رەقىپلىرىنى يەڭگەنلىكى ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى جاكارلاندى. بەيتۇللاھ ئەرئوغلۇ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش مۇسابىقىىسدا بولسا، 4 – بولدى. خەلقئارا مىيىپلار سۇ ئۇزۇش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 8 – دېكابىر جۈمە كۈنى ئاخىرىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر