مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ

ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ.

845305
مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 141 – 147 - ئايەتلەر. ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدىقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ[141]. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ[142]. مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس)، كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن[143]. ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى (دوست تۇتۇشنى) قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟[144]. مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن[145]. پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ[146]. ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[147].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر