ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر

837918
ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 128 – 134 - ئايەتلەر. ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[128]. قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ[129]. ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[130]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر[131]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[132]. ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر[133]. كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[134].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر