تۈرك پۇتبولچىنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى

: تۈرك پۇتبولچى جەنك توسۇن خەلقئارادا شۆھرەت قازاندى.

830560
تۈرك پۇتبولچىنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە فىرانسىيە پۇتبول كوماندىسى موناكو < Monaco >نى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى بەشىكتاشنىڭ پۇتبول ماھىرلىرىدىن جەنك توسۇننىڭ نەتىجىسى مۇسابىقىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى. شۇنىڭ بىلەن، پۇتبول ساھەسىدە 26 ياشلىق جەنك توسۇننىڭ قىممىتى  تېخىمۇ ئۆستى.

 داڭلىق پۇتبول كوماندىلىرىدىن پىرېمىئېر لىگ < Premier Lig >نىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان جەنك توسۇننى يەنە بىر داڭلىق پۇتبول كوماندىلىرىدىن كىيرستال پالاسې < Cyrstal Palace > نىڭ مۇدىرى دوگې فرېدمېنمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە.

جەنك توسۇنغا يەنە نېۋكاستول < Newcastle United > پۇتبول كوماندىسىنىڭمۇ قىزىقىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر