ئاۋىستىرىيەدە ھىجابنى مەنئىي قىلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئاۋىستىرىيەدە  ئاياللارنىڭ ئاممىغا ئوچۇق يەرلەردە ھىجاب ئارتىشىنى مەنئىي قىلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

818469
ئاۋىستىرىيەدە ھىجابنى مەنئىي قىلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر قانۇن دۆلەتتە ياشاۋاتقان يەرلىك چەت ئەللىكلەر، دىپلوماتلار ۋە ساياھەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلمىغانلار 150 ياۋرو پۇل جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

دىپلوماتىيە ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى منىنىستىرى سېبېستىئان كۇرز مەزكۇر قانۇننى ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەنىدى.

پايتەخت ۋىيانادا بىر گۇرۇپپا ئاممىغا ئوچۇق يەرلەدە ئاياللارنىڭ يۈزىنى پۈتۈنلەي يېپىشىنى مەنئىي قىلىدىغان قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىگىلىنىشىچە، چايشاپ ۋە ھىجابنى مەنئىي قىلىش قانۇنى فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدىمۇ ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر