سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە بىلقىس

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە ئايال پادىشاھ بىلقىس

812510
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام  ۋە بىلقىس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش مەقسىتىدە قۇددۇستا بىر ئوردا بىنا قىلدۇرماقچى بولدى، ئۇزۇنغا قالماي ئاجايىپ سەلتەنەتلىك، كۆركەم بىر ئوردا قۇرۇلۇپ پۈتتى. ئوردا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش مۇراسىمىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە يەنە بىر قوشۇن تەشكىللىدى.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بۇ مەشھۇر جاينىڭ يۆنىلىنىشىنى بىلمەكچى بولۇپ، نەزىر – چىراغ ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان نەرسىلەرنى تەق قىلىپ، جىددىي ئاتلىنىپ، يەمەنگە بېرىپ ساناغا كىردى. سۇ مەنبەلىرىنى ئىزدەپ، تاغ ئۆڭكۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېىشەلمىدى.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇ يەردىن تېزلا ئايرىلىپ، سۇ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھۆپۈپنى ئىزدىدى، بىراق ئۇ ئۇزاققىچە ھۆپۈپنى تاپالماي غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قەسەم قىلدى، ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي، ھۆپۈپ ئۇچۇپ كېلىپ، ئىززەت – ئىكرام بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلدى، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇ:

- مەن بىر ئىشنى بايقىدىم، ئۇنى سەن ئۆز بىلىملىرىڭ بىلەنمۇ چۈشىنىپ كېتەلمەيسەن، پادىشاھلىق ھوقۇق ۋە كۈچ – قۇدرىتىڭ بىلەنمۇ ئۇنىڭغا يېتەلمەيسەن، مەن بايقىغان بۇ ئىش شۇنچىلىك سىرلىقكى، ئىلگىرى سەن ئۇنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان.

ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ گەپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپىنى باستى، ئۇنى بۇ سىرنى بىلىشكە تەشنا قىلدى ھەم ئالدىراتتى. شۇڭا ئۇ ھۆپۈپتىن زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھۆپۈپ مۇنداق دېدى:

- ئۇقۇشۇمچە، سابا ۋىلايىتىگە بىر ئايال پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدا بار ئىكەن، ئۇنىڭ ناھايىتى كاتتا بىر تەختى بار ئىكەن، لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھىدايەتكە مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن... مەن بۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەمەس، قۇياشقا چۇقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىدىن ئىنتايىن قورقتۇم. ئۇلار شۆھرەتلىك ھەم كۈچلۈك، ھەممىنى تولۇق بىلگۈچى ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلسا تولىمۇ توغرا ھەم ياخشى بولاتتى. چۈنكى پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ تائالالا ھەممىدىن ئۇلۇغ بولۇپ، شانۇ شەۋكەتلىك تەختنىڭ ئىگىسىدۇر.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھۆپۈپنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ چۆچۈگەن بولسىمۇ، ئەمما بىئارام بولۇپ كەتمىدى. ئۇ ھۆپۈپنىڭ تەلىپىگە ئۇدۇل جاۋاب بەرمەسيىن، مۇنداق دېدى:

- سېنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىڭنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىز ئۇنى بىرقۇر تەكشۈرۈپ كۆرەيلى. مۇبادا ئەھۋال سەن ئېيتقاندەك بولسا، سەن بۇ خېتىمنى ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ بارغىن، ئاندىن بىر يەردە تۇرۇپ خەتنىڭ جاۋابىنى كۈتكىن.

ھۆپۈپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى ئېلىپ، ئايال پادىشاھ بىلقىسنىڭ دۆلىتىگە قاراپ ئۇچتى، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، خەتنى ئايال پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەردى.  ئايال پادىشاھ خەتنى ئېلىپ ئۆزىگە يېزىلغان: «مەن رەھىم – شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان بولىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ بىئەدەپلىك قىلماستىن، ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئەل بولۇڭلار!» تەرىقىسىدىكى قۇرلارنى كۆردى.

ئايال پادىشاھ ئوردىدىكى ئەمر – ئۇمرا، ۋەزىر – ۋۇزۇرالارنى يىغىپ ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتتى. ئۇ ئۇلاردىن بۇ ھەقتە چارە – ئامال كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇلار:

  • بىزدە قورالمۇ، جاسارەتمۇ بار، بىزگە بۇيرۇق چۈشۈرۈڭ، بىز سۇلايمانغا قارشى ئەمرىڭىزگە تەييارمىز، - دېيىشتى.

ئايال پادىشاھ ئۇلارنىڭ سۇلايمانغا قارشى تۇرۇشقا مايىل بولۇپ، ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا كايىپ مۇنداق دېدى:

- ئەڭ ياخشى چارە سۇلايمان بىلەن كېلىشىش. چۈنكى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە نىسبەتەن كېلىشىش ھەممىدىن ئەلا تەدبىردۇر. سەگەك ئايال پادىشاھ شۇنى تونۇپ يەتكەن ئىدىكى، تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەممىسى بىرەر جاينى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتىنى خاراب قىلغان، ئەزىزلەرنى خارلىغان، خەلقنى ئاياغ ئاستى قىلغانىدى... شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى:

- مەن پادىشاھلىقىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلايمانغا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى سوۋغات قىلىمەن، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىۋالىمەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر