ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى...

كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ.

803854
ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 69 – 75 - ئايەتلەر. كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار[69]. بۇ پەزل ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھ (پەزل ـ ئېھسانغا تېگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يېتەرلىكتۇر[70]. ئى مۆمىنلەر! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار[71]. شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت (يەنى مەغلۇبىيەت ياكى قىرغىنلىق) كەلسە، (ئۇ مۇناپىق) «ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مەرھەمەت قىلدى، چۈنكى مەن ئۇلار بىلەن (ئۇرۇشتا) بىللە بولمىدىم (بولمىسا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتىم)» دەيدۇ[72]. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە ۋە غەنىيمەت) يەتسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇ (يەنى مۇناپىق) نىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى مەن (ئۇرۇشتا) ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە (يەنى غەنىيمەتتىن زور نېسىۋىگە) ئېرىشكەن بولاتتىم» دەيدۇ[73]. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا (جېنىنى، پۇل ـ مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز[74]. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن  بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر[75].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر