تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 08.09.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

803597
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 08.09.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساباھ گېزىتى، «ئەردوغان ئىمامئەلى راخمان بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،  تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە تۈركىيە – تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، بىرمادا يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە زىت تىراگېدىيەلەرگە دائىر ھەمكارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچار بولغان تىراگېدىيەلەرگە ھەل قىلغۇچ چارە تېپىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە تىرىشچانلىقلارنىڭمۇ داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

سىتار گېزىتى، «ئەمىنە ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ياردەملىرىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يەتكۈزدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىلار تۇرۇشلۇق باڭلادىشتىكى كۇتۇپالوڭ لاگېرىنى زىيارەت قىلىپ، ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى. ئەمىنە ئەردوغان: «ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەسىرلەنمەي تۇرالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلسۇن، ئىنشائاللاھ پۈتۈن دۇنيا بۇ مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ھەم سىياسىي، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن  كۆڭۈل بۆلگۈسى. چۈنكى بۇ جىددىي ھەل قىلىنىشى كېرەكلىك بىر مەسىلە. بۇ دەۋردە بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بىراق، ۋەقەلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرمەكتە» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان ۋەقەلەر ھەققىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردىن بىۋاستە مەلۇمات ئالدى. خەلقئارا جامائەتچىلىككە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «ھەممىمىزنىڭ بالا – چاقىمىز بار. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئەمەس، دەپ كۆرمەسكە سالالمايمىز. ھەممىمىزنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار» دېدى.

سىتار گېزىتى، «بېرلىننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن كۆرۈنۈش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇش ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان گېرمانىيە دېموكراتچىلار بىرلىكى 24–سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملار ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى تەييارلىدى. تۈركلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرسى دۇسبېرگ بولۇپ، شەھەر كوچىلىرىغا گېرمانىيە دېموكراتچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېسىلغان لوزۇنكىلاردا ئەردوغاننىڭ رەسىمى بىلەن بىرگە «تۈركىيەگە دوست پارتىيەلەر بىلەن بىرگە بولۇڭلار، ئۇلارغا بېلەت تاشلاڭلار، ئۇلارنى كۈچەيتەيلى!» دېگەن سۆزلىرىمۇ يېزىلدى. قوش پۇقرالىق بولۇش كېرەكلى تەكىتلەنگەن لوزۇنكىلارنىمۇ كوچىلارغا ئاستى. ئەردوغاننىڭ رەسىمى ئورۇن ئالغان سايلام لوزۇنكىلىرىنىڭ تۈركلەر ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ئېسىلغانلىقى دىققەتنى تارتتى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيە ھاياتلىق شېرىكىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۈئېل ماكرون تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بىرەر چاك كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە، بىرلىكتە دۇچ كەلگەن نۇرغۇنلىغان كىرىزىسلەردە، بولۇپمۇ كۆچمەنلەر كىرىزىسى ۋە تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى مۇھىم بىر شىرىكىمىزدۇر» دېدى. ماكرون ئافېنا زىيارىتىدىن ئىلگىرى گىرېتسىيەنىڭ «Kathimerini» گېزىتىگە بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «زاۋۇتىنى پۈتۈنلەي تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەدنان ئۆلمەز ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە 2014 – يىلى «سالۋى جاۋى» دېگەن نام بىلەن سېتىۋالغان ۋە يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى «بورسا جاۋى» دېگەن نام بىلەن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن سىملارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى سامسۇنغا يۆتكەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارارنىڭ ھەم تۈركىيەگە، ھەم سامسۇنغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئىستىراتېگىيەلىك سېلىنما بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قوراشتۇرۇش خىزمەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن ۋە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىماقچى بولغان «بورسان جاۋى ئالاھىدە لايىھەلەنگەن سىملارنى ئىشلەپچىقىرش زاۋۇتى»نى سامسۇنغا يۆتكەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش چىقىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ياۋروپا بازىرىدىكى ھەجىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر