كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ

كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ

785994
كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 42 – 46 - ئايەتلەر. كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ[42]. ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار ، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)[43]. (ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[44]. ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر)[45]. يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[46].

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر