تۈرك ماشىنا ئادەم ئەترىتى دۇنيا چىمپىيونى بولدى
تۈركىيە تېخنولوگىيە ئەترىتى فوندى جەمئىيىتى قوللاۋاتقان « T3/0008 چولپان» ئەترىتى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا RoboCup مۇسابىقىسى» دە 5 تۈردە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنچى بولدى.
781727
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فوندى جەمئىيەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماشىنا ئادەم ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنيا بويىچە مۇھىم ئىلمىي مۇسابىقىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ۋە بۇ يىل ياپونىيەنىڭ ناگويا شەھىرىدە 21 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا RoboCup مۇسابىىقسى» دە تۈركىيە تېخنولوگىيە ئەترىتى فوندى جەمئىيىتى ئەترەتلىرى ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش تۈرىگە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 3 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان بولۇپ، « T3/0008 چولپان» ئەترىتى ئىككى ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ MIT، Darmstadt ئۇنىۋېرسىتېتى، North Bankong ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 23 ئەترەتنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بىرىنچىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.