ئوبېرجىنلەر ئاۋسترالىيەگە مۆلچەرلەنگىنىدىن 18 مىڭ يىل بۇرۇن كەلگەنمۇ؟

ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ئوبېرجىنلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

774499
ئوبېرجىنلەر ئاۋسترالىيەگە مۆلچەرلەنگىنىدىن 18 مىڭ يىل بۇرۇن كەلگەنمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارخىئولوگلار ئوبېرجىنلەرنىڭ ئاۋسترالىيەگە مۆلچەرلەنگىنىدىن 18 مىڭ يىل بۇرۇن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئېرىشتى.

خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار ئاۋستېرالىيەنىڭ شىمالىدىكى مادجېدبەبە قىيالىقلىرى ئاستىدا ئېلىپ بارغان قىزىپ تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا قولدا ياسالغان بويۇملارنى تېپىپ چىقتى.

بۇ بويۇملارنى تەكشۈرگەن تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 65 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولغاندا ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىك خەلقى ھېسابلىنىدىغان ئوبېرجىنلەرنىڭ مۆلچەرلەنگىنىدىن 18 مىڭ يىل بۇرۇن ئاۋسترالىيەگە كەلگەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق ئىلىملىرى پىروفېسسورى بېن مارۋىك، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئاۋسترالىيەگە كەلگەن تۈنجى ئىنسانلارنىڭ 47 مىڭ يىلدىن 60 مىڭ يىلغىچە تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىروفېسسور بېن مارۋىك، «ئاۋسترالىيەگە تۈنجى ئىنسانلار كېلىشى بىلەن تەڭ بۇ يەردە ياشايدىغان «مېگافۇنا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان چوڭ كانگىرولار، خالتىلىق ئېيىقلار ۋە تاش پاقىلارنىڭ نەسلىنىڭ 45 مىڭ يىل بۇرۇن يوقىلىشىغا سەۋەب بولغان» دېگەن تەخمىنلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ يېڭى تېپىلغان تارىخىي بويۇملار، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىپ، «مېگافۇنا» (چوڭ كانگىرو)لارنىڭ نەسىلىنى تۈگەتكەنلىكىگە دائىر كۆز قاراشلارنى ئىناۋەتسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ. بۇ يېڭى مەلۇماتلار ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن بىرلىكتە ياشىغانلىقى ھەققىدە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېدى. 

تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىم تېپىلغان قولدا ئىشلەنگەن بويۇملار ئارىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى پالتا بارلىقى ۋە بۇنىڭ دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇق تىرىغانلىقىغا ۋە تىرىقچىلىق قىلغانلىقىغا ئالامەت بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېپىلغان  بويۇملار ئارىسىدىكى رەڭلىك موم قەلەمنىڭمۇ ئىنسانلار تەرىپىدىن سەنئەت ۋە سېمۋول خاراكتىرلىق بوياش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەتقىقاتلارنىڭ تەنىجىسى «Nature» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر