ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن بىر كۆچەت تىكىلىدۇ

تۈركىيە 2023 – يىلغىچە دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن 7 مىليارد كۆچەت تىكىدۇ.

751017
ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن بىر كۆچەت تىكىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان چۆللىشىش 168 دۆلەتتە 1.5 مىليارد نوپۇسقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەر يىلى 12 مىليون گېكتارلىق يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرى چۆللىشىش سەۋەبىدىن بۇزۇلماقتا، شۇڭا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە % 2 ئازىيىش مۆلچەرلەنمەكتە.

چۆللىشىشكە ئەگىشىپ، ھەر يىلى 5.2 مىليون گېكتارلىق ئورمانلىق ئازايماقتا. تۈركىيە چۆللىشىشكە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى ئالدى ھەمدە بىرقاتار پىلانلارنى تۈزدى. جۈملىدىن، تۈركىيە 2023 – يىلغىچە دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن 7 مىليارد كۆچەت تىكىشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر