FIFA قاتار توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى
خەلقئارا پۇتۇلچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) قاتار توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.
751008
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتۇلچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) نىڭ باشلىقى گىئاننى ئىنفانتىنو پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسكە قارىماي قاتارنىڭ 2022 – يىللىق FIFA دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، « FIFA ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ ھەمدە قاتار ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگىگە 5 يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىنفانتىنو، «پۇتبول دۇنياسى مەۋجۇت ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھەسسە قوشالىسا، بىزمۇ ياردەمچى بولۇشتىن تەپ تارتمايمىز» دېدى.