شەنبىچىلەر

ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان قەۋم – شەنبىچىلەر.

743100
شەنبىچىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن، ئىنسانلار ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ئىش توختىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تائالاغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە دۇئا – تىلاۋەت قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەسبىھ ئېيتىپ، ئۇنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەلبىنى پاكلاشتۇراتتى.

جۈمە كۈنى ئاللاھ تائالاغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىدىغان كۈن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باشقا بىر كۈننى بەلگىلەشنى، شۇ كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار شەنبە كۈننى بەلگىلەشتى، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.  ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ شەنبە كۈنى ئۇلارغا يوليورۇق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى بىر مەزگىلگىچە ئەسلىدىكى ئادەت بويىچە شەنبە كۈنى ئاللاھ تائالاغا تائەت - ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇ كۈنى ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئۈنلۈك ھەمدۇسانا ئېيتتاتتى.

 قۇلزۇم دېڭىزى بويىغا جايلاشقان «ئەيلە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنەت بولۇپ، بۇ يەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئۇلار ھەر شەنبە كۈنى ئەجدادلىرىنىڭ دىنىي قائىدىسى بويىچە ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە سودا – سېتىق قىلىشنى توختىتىپ، ھەممە بىرلىكتە ئاللاھ تائالاغا تائەت - ئىبادەت قىلاتتى.

دېڭىز بويىدا ئىككى پارچە ئاق قورام تاش بولۇپ، ھەر شەنبە كۈندۈزى ۋە ئاخشىمى بۇ ئىككى قورام تاش يېنىغا لەھەڭلەر ئۈزۈپ كېلەتتى، كىشىلەرنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىنمۇ قورقمايتتى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا، لەھەڭلەر ناھايىتى شادلىنىپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتەتتى. كىشىلەر بۇنداق چاغدا بۇ لەھەڭلەرنى تۇتمايتتى ياكى چۆچۈتمەيتتى، ئەكسىچە بارچە مەخلۇقاتلار ۋە مەۋجۇداتلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن بەند بۇلاتتى. بۇ كۈندە ئوۋ قىلىش ياكى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش مەنئىي قىلىناتتى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، بۇ لەھەڭلەر يەنە دېڭىزغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېلەتتى. ئۇ چاغدا، كىشىلەرنىڭ دېڭىزغا كىرىپ ئۇلارنى تۇتۇشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان ئىش ئىدى.

 مەزكۇر كەنتتە دىنغا ئىشەنمەيدىغان بەزى بۇزۇق ئادەملەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئەدەپ، نەپسى يامانلىشىپ كەتكەنىدى، ھەتتا پەيغەمبىرىنىڭ يوليورۇقىنىمۇ كۆزگە ئىلمايتتى. ئۇلار پەيغەمبىرى بىلدۈرگەن ئاخىر زاماننىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويغانىدى. بۇ بىكار تەلەپ ئادەملەر لەھەڭلەرنى قانداق تۇتۇش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ، مۇنداق دېيىشتى:

- بىز لەھەڭلەرنى تۇتماي نېمىشقا قويۇۋەتكۈدەكمىز؟ لەھەڭلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، شەنبە كۈنى بىزنىڭ ئۇلارنى ئوۋلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتىدۇ. قارىغاندا، لەھەڭلەرنى تاپا – تەنىلەردىن قورقمىغاندىلا، ئاندىن تۇتقىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، بىراق بۇنداق قىلساق، توغرا يولدىن چىقىپ  كېتىدىغان تەرىپىمىزمۇ بار. شۇڭا، شەنبە كۈنى تۇتايلى، شۇنداق قىلساق، مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز.

 ئۇلار  تەييارلىنىپ، مەلۇم بىر شەنبە كۈنى كۆپ كۈچىمەيلا بىرمۇنچە لەھەڭ ۋە بېلىقلارنى تۇتتى. ئۇلار لەھەڭلەرنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ياخشى يېمەكلەرنى ھازىرلاپ قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، نەپسىنى قاندۇرۇشتى.

بىر قىسىم تەقۋادار كىشىلەر دىنغا ئىشەنمەيدىغان بۇ بۇزۇقلارنىڭ بىشەملىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى. بىراق، نەسىھەت ئۇلارغا كار قىلمىدى. ئۇلار خاتا يولدا تېخىمۇ ئۇزاپ كەتتى.  مۆمىنلەر ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، قوللىرىغا قورال ئېلىپ، كەنتنىڭ ئېغىزىنى قامال قىلىپ، بۇ گۇمراھلارنى كەنەتكە كىرگۈزمىدى.

بۇزۇقلار ئۆزلىرىنىڭ شەنبە كۈنى لەھەڭ تۇتۇشىغا ھاي بېرەلمەيتتى، چۈنكى لەھەڭلەر شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە كەلمەيتتى. بۇ بۇزۇقلار مۆمىنلەرگە مۇنداق دېيىشتى:

- بۇ كەنت ھەم بىزنىڭ ھەم سىلەرنىڭ. شۇڭا، بىزنى ھەيدەپ چىقىرىپ، بۇ يەرنى يالغۇز ئىگىلىۋېلىش ھوقۇقۇڭلار يوق، ھەرقانداق ئادەمنىڭ پۈتۈن كەنتنى  سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىگىمۇ بولمايدۇ، بۇ يەر بىزنىڭ يۇرتىمىز، بىزنىڭ پاناھلىنىدىغان ۋە ياشايدىغان ماكانىمىز. بىز بۇ يەرنى تاشلىۋېتەلمەيمىز، چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردىن باشقا بارار جايىمىز يوق. ئەگەر سىلەر ئۆز پىكرىڭلاردا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئىلگىرىكى پىكرىڭلارنى ئۆزگەرەتمەيدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا، بىز كەنتنى بۆلۈشۈۋالايلى، ئوتتۇرىغا تام سوقۇپ، قانداق ياشىغۇمىز كەلسە، شۇنداق ياشايلى.

كەنتنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىش پىكرىگە مۆمىنلەرمۇ قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئوتتۇرىغا بىر تام سوقۇلۇپ، مۆمىنلەر بىلەن گۇمراھلار ئايرىۋېتىلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تۇرمۇشى ئايرىلدى. بۇزۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار كەنتتىن دېڭىزغا بارىدىغان بىر ئېرىق چاپتى. شەنبە كۈنى لەھەڭلەر ئۇدۇل ئۇلارنىڭ ئىشىكىگە ئۈزۈپ كېلىدىغان بولدى. كەچقۇرۇنلۇقى كۈن قايرىلىپ لەھەڭلەر دېڭىزغا قايتىدىغان چاغدا، ھېلىقى بۇزۇقلار ئېرىقنى توسۇۋالاتتى – دە، لەھەڭلەر دېڭىزغا قايتالمايتتى.

مۆمىنلەر ئۇلارغا قايتا – قايتا تاپا – تەنە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويمىدى ھەمدە ئۇلارنى: «ئەگەر جاھىللىق قىلىۋېرىدىغان بولساڭلار، ئاقىۋېتىڭلار ياخشى بولمايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

لېكىن بۇزۇقلار مۆمىنلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىدى، مال – دۇنياسى كۆپىيىپ، ئەيش – ئىشرەت، كەيپ  - ساپالىق تۇرمۇش كەچۈردى، جاھىللىق بىلەن كۇفرىلىق ۋە بۇزۇقچىلىق ئۈستىدە چىڭ تۇردى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئاخىر چىداپ تۇرالماي، ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا بالايىئاپەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى گۇمراھلار ئولتۇراقلاشقان جاي قاتتىق تەۋرەپ كەتتى.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن غەيرىي كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە ئادەملەر: <ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟> دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ (گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق. ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: <خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار> دېدۇق.»[1]

«ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن)، ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، ئاللاھنىڭ ھۆكىمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)»[2]

 

 


[1] بەقەرە سۈرىسى، 162 – 166 - ئايەتلەر.

[2] نىسا سۈرىسى، 47 – ئايەت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر