مىسىردا 4000 يىللىق مازار باغچىسى تېپىلدى

پىروفېسسور دوكتور جوس مانىئېل گالان بۇ ياقاشنىڭ ئەينى چاغدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش، ئەمەلىي مۇھىت ۋە ھەتتا ھاۋا كېلىماتىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

728928
مىسىردا 4000 يىللىق مازار باغچىسى تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ لۇكسور شەھىرىدىكى درا ئەل ناھا ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ساھەسىدە 4000 يىللىق مازار باغچىسى تېپىلدى. 

ئىسپانىيە دۆلەتلىك تەتقىقات كومىتېتى ئىلگىرى مەۋجۇتلۇقى پەقەتلا قالدۇق رەسىملەردە بىلىنىدىغان مازار باغچىلىرىنىڭ بىر ئۈلگىسىنىڭ تۈنجى قېتىم مىسىردىكى قىزىپ تەكشۈرۈشلەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پىروفېسسور دوكتور جوس مانئېل گالاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەترەت، مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 – يىللىرىدىن قالغان يادىكارلىقلارنىڭ مىسىردا يۇقىرى ۋە تۆۋەنكى نىل پادىشاھلىقلىرىنىڭ تۈنجى قېتىم تەبنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر پادىشاھلىققا ئايلانغان 12 – جەمەتى دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىيالىققا ئويۇلغان بىر مازارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان كەڭلى 2 مېتىر ۋە ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر كېلىدىغان باغچا 30 كىۋادىرات سانتېمىرلىق بۆلۈملەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر بۆلۈمدە مازاردىكى كىشىنىڭ ۋەسىيتىگە بىنائەن سېمۋوللۇق مەنىگە ئىگە دەرەخت ۋە ئۆسۈملۈكلەر تېگىلگەن.

پىروفېسسور دوكتور جوس مانىئېل گالان قەدىمىي مىسىر مەدەنىيىتىدە مازار ۋە قەبرىسستانلىقلارنىڭ ھايات بىلەن ئۆلۈمنى مەنىگە ئىگە قىلىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يەردىكى تېپىلغان يادىكارىقلار بىزگە پەقەت دىنىي ئېتىقادقا ۋە ئەملىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئەمەلىي مۇھىت ۋە ھەتتا ئەينى چاغدىكى ھاۋا كېلىماتىغا دائىر مەلۇماتلارغىمۇ ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

مازار باغچىسىدىن باشقا يەنە، قىيا مازارىغا تۇتاش خام خىشتىن ياسالغان كىچىك دۇئا بۆلۈمىمۇ بايقالدى.

بۇ دۇئا بۆلۈمىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1800 – يىللىرىغا يەنى، 13 – جەمەت دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر