يېنىكاپى مەيدانىدىكى ياشلار فېستىۋالى پۈتۈن ئىستانبۇلنى ھاياجانغا سالدى

فېستىۋالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق ياغلىق چىلىشىش مۇسابىقىسىدا 300 دىن ئارتۇق پەھلىۋان رىقابەتكە چۈشىدۇ. ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى، ئەنئەنىۋىي چېدىر ئۆيلەر، 26 تۈرلۈك ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

725730
يېنىكاپى مەيدانىدىكى ياشلار فېستىۋالى پۈتۈن ئىستانبۇلنى ھاياجانغا سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى يېنىكاپى مەيدانى بۈگۈن ياشلار فېستىۋالىغا سەھنە بولدى.

ئەنئەنەۋىي تەنتەربىيە تۈرلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا ئەتنېك تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن 2 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن «ئەتنىك تەنتەبىيە كۈلتۈر فېستىۋالى» بىلەن  «ئىستانبۇل ياشلار فېستىۋالى»نى تونۇشتۇرۇش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 

يېنىكاپى مەيدانىدا تۈنۈگۈن باشلانغان ۋە 7 - مايغىچە داۋاملىشىدىغان ئىستانبۇل ياشلار فېستىۋالى شۇنداقلا «ئوق يادىن چىقىدۇ» دېگەن شوئار بىلەن 11 – مايدىن 14 – مايغىچە داۋاملىشىدىغان ئەنتىك تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالىغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى.

تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئەنتىك تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ياشلارنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى شۇنداقلا تارىخىمىزنىڭ ئۇلۇغ خاتىرىلىرىگە ساھىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا ئەنتىك تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى باشلىقى بىلال ئەردوغان،  تۈنجى نۆۋەتلىك ئەنتىك تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ: «ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزگەن فېستىۋالىمىز زور قىزىقىشقا ئېرىشتى. ئۈچ كۈن جەريانىدا 150 مىڭدىن ئارتۇق كىشى فېستۋالغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇ قېتىمقىسىنى يېنىكاپى مەيدانىدا ئۆتكۈزىمىز. ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ كىىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېدى. 

ئىستانبۇل ياشلار فېستىۋالى 6 سەنئەت كۆرگەزمىسى  ئاچىدۇ. ئەنتىك تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالى بولسا، 11 تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا سەھنە بولىدۇ.

فېستىۋالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق ياغلىق چىلىشىش مۇسابىقىسىدا 300 دىن ئارتۇق پەھلىۋان رىقابەتكە چۈشىدۇ. بارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە 843 نەپەر تەنتەربىيەچى قېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىدۇ. ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى، ئەنئەنىۋىي چېدىر ئۆيلەر، 26 تۈرلۈك ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

تۆمۈرچى ئۇستىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش نومۇرلىرىمۇ بولىدۇ. 28 تۈرلۈك قول - ھۈنەر سەنئىتى تونۇشتۇرىلىدۇ.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى (TİKA) نىڭ تۈرك يېزىسىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر