13 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى

يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي 18 پارە قۇرئان يادقا ئېلىپ بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىمران ئابلىز چامباشچىلىق، خىتايچە بوكىس، تەپمە بوكىس ۋە تايلاندچە مۇشتلىشىش قاتارلىق 4 خىل بوكىس تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشەلەيدۇ.

723958
13 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمران ئابلىز تىراكيا رايونلۇق تايلاندچە مۇشتلىشىش فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن قىرىقلالەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىراكيا رايونلۇق ئۆسمۈرلەرنىڭ تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپېيون بولدى.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتا–ئانىسى، ئىمران ئابلىزنىڭ 6 يېشىدىن تارتىپلا ھەر تۈرلۈك مۇشتلىشىش تەنتەربىيەسى بويىچە ئۈزلىكسىز مەشىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

13 ياشلىق ئۇيغۇر ئوغلانى ئىمران ئابلىز ھازىر ئىستانبۇل باغچىلار بىرىكىم خۇسۇسىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5– سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ  چامباشچىلىق، خىتايچە بوكىس، تەپمە بوكىس ۋە تايلاندچە مۇشتلىشىش قاتارلىق 4 خىل بوكىس تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشەلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋىلايەتلىك ئۆسمۈرلەر تەپمە بوكىس مۇسابىقىسىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئىمران ئابلىزنىڭ نىشانى ئالدىمىزدىكى ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئىكەن. 

ئۇيغۇر ئوغلانى ئىمران ئابلىز تەنتەربىيەدىلا ئەمەس مەكتەپتىكى دەرسلىرىدىمۇ سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ ماڭغاندىن باشقا يەنە، ھازىرغا قەدەر 18 پارە قۇرئان يادقا ئېلىپ بولغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىىسىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئىكەنلىكىنى ۋە تولىمۇ زىرەك، ئىستىقبالى پارلاق ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ماختاپ تىلغا ئېلىشماقتا.   

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر