ئەردوغان «دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر 100 شەخس» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ «‹ Time› ژۇرنىلى» نىڭ 2017 – يىللىق «دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر 100 شەخس» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

717984
ئەردوغان «دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر 100 شەخس» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 14 – سانى ئېلان قىلىنغان تىزىملىككە، ئاۋانگارتلار، پالۋانلار، سەنئەتچىلەر،  رەھبەرلەر  ۋە چولپانلار قاتارلىق 5 تۈر بويىچە مەشھەر شەخسلەر كىرگۈزۈلدى.

ژۇرنال مەشھۇر شەخسلەر تىزىملىكىگە، «پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغان، رېكورت ياراتقان، جىمجىتلىقنى بۇزغان ۋە ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن» شەخسلەرنى كىرگۈزىدۇ.

ئەڭ مەشھۇر رەھبەرلەر تىزىملىكىگە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن سىرت يەنە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەي، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، ۋىكىلېكسنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئېن ئاسانچ، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودروگو رۇتېرتې، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە كاتولىكلارنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرەنسىس قاتارلىق شەخسلەر كىرگۈزۈلدى؛ ئەڭ مەشۇر سەنئەتچىلەر تىزىملىكىگە،  Emma Stone Ed Sheeran، Alicia Keys، Ryan Reynolds، Leslie Jones، Margot Robbie، Sarah Paulson، Demi Lovato ۋە John Legend  قاتارلىق شەخسلەر كىرگۈزۈلدى؛ ئاۋانگارتلار تىزىملىكىگە، چوبانى شىركىتىنىڭ خوجايىنى تۈرك كارخانىچى ھەمدى ئۇلۇكايا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپ كىرگۈزۈلدى؛ پالۋانلار تىزىملىكىگە، ئامېرىكا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى جانېت يېلېن، ۋاسكىتبولچى لېبرېن جېيمز، Snapchat نىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋېن سپىگېل، NFL  ماھىرى Tom Brady  ۋە Formula 1 ئۇچقۇچىسى James Allison  قاتارلىقلار كىرگۈزۈلدى؛ چولپانلار تىزىملىكىگە، چوڭ بەدەن مودېل Ashley Graham، بارسېلونالىق پۇتبولچى نېيمار، ئامېرىكىلىق گىمناستىكىچى Simone Biles ھەمدە Christian Dior  ۋە Calvin Klein  قاتارلىق ماركىلارنىڭ ئىجادىي دىرېكتورى Raf Simons  كىرگۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر