«مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار»

ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى.

708585
«مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئال ئىمران سۈرىسى، 71 – 77 - ئايەتلەر. ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟[71]. ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[72ـ73]. ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[74]. ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگىچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۈممىلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دېدى، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[75]. ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[76]. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ[77].

ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر