تاش يامغۇرى بىلەن ھالاك قىلىنغان قەۋم

تاش يامغۇرى بىلەن ھالاك قىلىنغان قەۋم ۋە لۇت ئەلەيھىسسالام.

701884
تاش يامغۇرى بىلەن ھالاك قىلىنغان قەۋم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان بىر پەيغەمبەردۇر.

ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنى ھازىرقى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيە چېگراسىدا ياشايدىغان سەدۇم قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. سەدۇم ئاھالىسى ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، ھەممە ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، دۇنيادا ئەڭ قەبىھ كىشىلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلاتتى، ئۆز ھەمراھلىرىغا ئاسىيلىق قىلاتتى، يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئادەمنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيتتى، كېتىۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ قالسا، ھەممىسى توپلىشىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇلاپ – تالاپ قۇرۇقداپ قوياتتى. قىسقىسى، ئۇلار تولىمۇ ئەخلاقسىز خەلق بولۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا يامان ئىشلارنى قىلاتتى، ئۇيالماستىن بەچچىۋازلىق قىلاتتى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ پەند – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايتتى.

لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا پەند - نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىپ، يامان ئىشلارنى تەرك ئەتمىدى.

 ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:

«ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ، نۇھ ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ (يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلدى (بۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار (كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.»[1]

لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى گويا بىر توپ تۇغما لۈكچەكلەردەك، تەتۈر يول تۇتۇپ، ھەدەپ ئەسكىلىكلەرنى قىلاتتى. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ھەتتا شەرمەندىچىلىكتە      چېكىگە يېتىپ، ئاياللارغا يېقىنلاشماي، ئەكسىچە ئەرلەرگە چېقىلىپ بەچچىۋازلىق قىلاتتى.

ئەگەر ئۇلار بۇنداق شۇملۇق ۋە ئىپلاسلىقنى خۇپىيانە قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ سېسىق نامى ئالەمگە بۇنچە پۇر كەمىگەن بولاتتى. ئەمما ئۇلار نومۇس قىلماستىن كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن مۇشۇنداق ئىپلاسلىقنى قىلىشقا قۇترىتاتتى. شۇڭا بۇنداق قەبىھ قىلمىش ئەۋج ئېلىپ، بالايىئاپەتكە ئايلاندى.

 ئۇلار مۇشۇنداق قەبىھ قىلىقلار بىلەن كۆنۈپ كەتكەچكە، توغرا يولدىن چەتنەپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.

ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنى يېتەكلەپ، ھىدايەتكە باشلاش ۋە ئۇلارنى يامانلىقتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇلار ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، يامان ئىشلاردىن قايتماي، بۇرۇنقىدەكلا شۇملۇقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋەردى. 

ئۇلار تېخى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى لۇت ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ھېمايىچىلىرىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئوچۇقتىن – ئوچۇق جار سالدى.

لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاللاھ گۇناھ قىلغانلارنى جازالايدۇ، دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن. سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن. سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر.

 لېكىن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ ئۇلارغا كار قىلمىدى، ئەكسىچە، بۇرۇنقىدەكلا ئەسكىلىك قىلىۋەردى. ئۇلار تېخى لۇت ئەلەيھىسسالامغا تەھدىت سېلىپ:

- ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن، - دېدى.  ئەمما لۇت ئەلەيھىسسالام داۋاملىق ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:

- سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر. سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر. ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.

لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى يامان نىيىتىدىن ياندۇرۇش ۋە قىلمىشىنىڭ تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ  قويۇش ئۈچۈن مۇنداق دېدى:

- سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس. سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟

 بۇ پەسكەش مەلئۇنلار شۇنچىلىك ھەددىدىپ ئېشىپ كەتتىكى، ھەتتا پەرىشتىلەرگىمۇ چېىقىلىشقا ئۇرۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.

بىر كۈنى پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى. لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم  سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئۈستىدە مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟ بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار. ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار. ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى:

- بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟ لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:

- بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر، ئەگەر (قازائى شەھۋەت) قىلماقچى بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)، - دېدى. ئۇلار:

- قىزلىرىڭغا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن، - دېدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا پەند - نەسىھەت قىلىپ ئېيتتى:

- كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى، ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم).

 بۇ مەلئۇنلارغا ۋەز - نەسىھەت كار قىلمىغاندىن كېيىن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ مەدەت تىلىدى. چۈنكى ئۇلار چەكلەنمىسە، ۋاباغا ئوخشاش ھەممە يەرگە يامراپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇلارنى خۇددى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كېسىپ تاشلىغاندەك يوقىتىش كېرەك ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يىلىنىپ مۇنداق دۇئا قىلدى:

- ئى ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن) قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن.

جانابىي ئاللاھ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، دۇئاسىنى مەقبۇل قىلدى ھەم ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئاللاھ بۇ مەلئۇنلارنى جازالاش ئۈچۈن، سەدۇم شەھىرىگە پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى.

پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز،  قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان - زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ، بىز سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن، ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟

 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنى (ئائىلىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى. بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى.

بىزنىڭ (جازالاش) ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ئۇ ساپال تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار زالىملار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن يىراق ئەمەس.

ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان تاش يامغۇرى نېمىدېگەن يامان!

چۈشۈنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئىبرەت قىلىپ) ئۇنىڭدىن (يەنى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزلىرىدىن) روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق.

ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا. بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار.

 

 


[1] تەۋبە سۈرىسى، 70 – ئايەت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر