تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن چەت ئەلدە ئىشلەنگەن فىلىم بۈگۈن كىنوخانىلاردا

فىلىمنىڭ ئاخىرىغا يېقىن تاماشىبىنلار ئۇچرايدىغان تولىمۇ تەسىرلىك پاجىئەلىك ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە چوقۇم يېنىدا ياغلىق ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

698814
تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن چەت ئەلدە ئىشلەنگەن فىلىم بۈگۈن كىنوخانىلاردا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ياش رىژېسسور ئابدۇرراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «Beyaz Balina» «ئاق كىت» ناملىق فىلىم بۈگۈن 24 – مارتتىن ئېتىبارەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلايدۇ.

«Beyaz Balina» «ئاق كىت» ناملىق فىلىم بىر ئۇيغۇر رىژېسسور تەرىپىدىن چەت ئەلدە ئىشلەنگەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۈنجى فىلىم بولۇش ئالاھىدىكى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق كېنو ئوبزورچىلىق تور بىتى «www.beyazperde.com» فىلىمغا باھا بېرىپ مۇنۇلارنى يازدى:

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان كىنوچىلىق ساھەسىدە كىچىك بالىلار باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنى تېما قىلغان فىلىملەر ئالدىنقى ئورۇنغا چىقماقتا. بۇ كاتېگورىيەدە «Beyaz Balina» «ئاق كىت» موبى دىكنىڭ جەلپ قىلارلىق ھىكايىسىگە مەھلىيا بولغان 2 ئۆسمۈرنىڭ، بولۇپمۇ ھەر ئىككىسى باشقا - باشقا دۇنيا ھېسابلىنىدىغان، بىراق شۇنداقتىمۇ ئىككىسىنى بىر - بىرىگە باغلىغان كاتتا بىر دوستلۇقنىڭ ھېكايىسىنى جانلاندۇرۇپ بېرىدۇ.

«Beyaz Balina» «ئاق كىت» ناملىق فىلىمنىڭ بىر بۆلىمى ھەقىقي يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئىلھام ئېلىپ تەييارلانغان.

ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، چوڭ دادىسىنىڭ يېزىسىغا كۆچۈپ كەتكەن كىچىك ئەلى ۋە تۇغۇلغاندىن بېرى يېزىسىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ۋاھابنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى يىللاردىن بۇيان قولدىن قولغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان «Beyaz Balina» «ئاق كىت» رومانىنى پەيدا قىلىدۇ.

فىلىمدە كىچىك ئەلى دەرتمەن بىر ئۆسمۈر. ۋاھاب بولسا، تولىمۇ ئاچچىقى يامان بىرسى.  شۇنداقتىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىنى ياخشىلاش شارائىتى پەيدا بولىدۇ. ۋاھابنىڭ مىجەزى ئوسال، جېدەلخور، دادىسى بىلەنمۇ جېدەل قىلىپ تۇرىدۇ، بىراق ئانىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا مېھرى – شەپقىتىنى يەتكۈزۈكە تېرىشىدۇ. ۋاھابنىڭ يېزىدا باشتىن كەچەرگەنلىرى، مەكتەپتىن پات پات قېچىپ كېتىش، ئوغىرىلىق قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، يېڭى تونۇشقانلارغا نىسبەتەن ۋەھاب ئەسكى بىر بالا بولۇپ تۇيىلىدۇ.

كىچىك ئەلىنىڭ خىيالچان، ياردەمپەرۋەر، ياخشى مېجەز - خۇيى ۋاھابنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ ھېكايىسى، كىچىك بالىلارنىڭ نەقەدەر ئاسىي ۋە نەقەدەر مەسۇم، ئوماق بولىدىغانلىقىنى نەتىجىلىك نامايان قىلىپ بېرىشتە ئۈلگە بولالايدۇ.

بۇ فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئابدۇررەھمان ئۇيغۇرئۆزتۈك تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تۈنجى كىنو ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇشىمىز لازىم. فىلىمنىڭ ئاخىرىغا يېقىن تاماشىبىنلار ئۇچرايدىغان تولىمۇ تەسىرلىك پاجىئەلىك ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە چوقۇم يېنىدا ياغلىق ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

«Beyaz Balina» «ئاق كىت» ناملىق فىلىمنىڭ ئۇيغۇر ياش رىژېسسور ئابدۇرراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك:

 


خەتكۈچ: #ئۇيغۇر , #كىنو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر