تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 03.03.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

684167
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 03.03.2016

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى: ساباھ گېزىتى، «ئەلبابتىن كېيىن نىشانىمىز مۇنبىچ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىش رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پاكىستاندىن قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى. سۈرىيەدە ئەلبابتىن كېيىن ئەمدىكى ھەرىكەتنىڭ مۇنبىچگە يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ئەردوغان: «ئەگەر ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن ئورتاق قەدەم تاشلىيالىيالىغان تەقدىردە، راققە ھەرىكىتىنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ ئارىلىقتا يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىنمۇ <دائېشقا قارشى كۈرەشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارالايمىز> دېگەن تەلەپ كەلگەن تەقدىردە، بۇ كۈرەشنى ھەممەيلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشىمىزمۇ مۇمكىن» دېدى. 

سىتار گېزىتى، «تەرىپىڭىزنى تاللاڭ، يا پ ي د ياكى بىز؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان خەلقئارا ئىدارە – ئورگانلارنى كۆزىتىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە <ي پ گ> ۋە <پ ي د> قاتارلىق ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇۋېلىپ، يېڭى بەدنىيەتلەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، يېڭى بىر بازىغا ئىگە بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  بىنالى يىلدىرىم: «مەيلى قانداق نىقابقا ئورۇنىۋالسا، ئورنۇۋالسۇن، بىز بۇلارنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمىز. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئىش قىلغاندا بىر قېتىم ئەمەس، 10 قېتىم ئويلىنىشى لازىم. كىم بىلەن يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئولتۇرۇپ ئويلىشىپراق قارار قىلىشى لازىم. يا تۈركىيە بىلەن ۋەياكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك» دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «چېگرا لىنىيەسىدە قۇشنىڭ ئۇچۇشىغىمۇ رۇخسەت يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان سۈرىيە چېگراسى، ھەر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە قۇرۇپ چىقىلغان بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى سايىسىدە تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈلدى. قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش ۋە ئەتكەسچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ زور ئۇتۇقلار قولغا كەلدى. چېگرا لېنىيەسىدە بېتون تام، خەندەك ۋە چېگرا سىملىرى بىلەن تەدبىرلەر ئېلىندى. راكېتامىيۇتقا چېدامچان پونكىتلار ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى، كېچىسى كۆرەلەيدىغان ئاپپاراتلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرونىۋېك ئاپتوموبىللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك كۈچەيتىلدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «دېپلوماتىك ئىغۋاگەرچىلىك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

گېرمانىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، <پ ك ك> ۋە <د ھ ك پ/ج> قاتارلىق تېررورچىلارنىڭ خاتىرجەم پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركلەر بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئۇچرىشىش يىغىنلىرىغا كۈلكىلىك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ رۇخسەت قىلمىدى. ئەدلىيە مىنىستىرى بۇ شەرمەندىچىلىككە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گېرمانىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بارلىق ئۇچرىشىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۈركىيەگە قايتىپ كېتىش قارارى ئالدى.  بەكىر بوزتاغ، تۈركىيەگە قارىتا ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يىغىن ئېچىش ئەركىنلىكى دېگەنلەرنىڭ يوقلۇقىنى، بىراق تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا كەلگەندە بولسا، ھەممە ئىش ئەركىن ۋە ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق ئېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ دەل ئىككى يۈزلىمىچى قوش ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ نوتا بېرىلدى. تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان بىئاراملىقى ۋە نارازىلىقى يەتكۈزۈلدى.

ۋەتەن گېزىتى، «تۇنچى يەرلىك تارقىتىش پونكىتى سىستېمىسى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ھەربىي ئېلېكتىرون سانائىتى شىركىتى مۇئاۋىن مۇدىرى ياۋۇز بايىز، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك تارقىتىش پونكىتى سىستېمىسى «ULAK» نىڭ ئاپرىلدا رىزەدە يانفون ئىستانسىلىرىغا بىۋاستە ئۇلىنىپ، خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياۋۇز بايىز تۈرك ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن ياسالغان يەرلىك تارقىتىش پونكىتى سىستېمىسىلىرىغا قول تېلېفون شىركەتلىرىدىن 750 دانە زاكاس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋۇز بايىز «Turkcell» يانفون شىركىتىگە 8 ئاي ئىچىدە، «Vodafone» ۋە «Türk Telekom» شىركەتلىرىگە 2 يىل ئىچىدە تۇنجى يەرلىك تارقىتىش پونكىتى سىستېمىسى «ULAK»نىڭ تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر