تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 16.12.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

631941
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 16.12.2016

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساباھ گېزىتى، «تۈركىيە ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

دۇنيانىڭ يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي تىرادىېگىيەنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ھەلەبكە پۈتۈن دۇنيا كۆزىنى يۇمۇپ قاراپ تۇرغان بىر پەيتتە، تۈركىيە يەنە بىر قېتىم ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ياردىمىگە يۈگۈردى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ جىددىي دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە، ئەڭ دەسلەپ ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشتى. تۈنۈگۈن ھەلەبتىن خەلقنى ئومۇمىي يۈزلۈك يۆتكەش خىزمەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. تۈركىيە ھەلەبتىن كەلگەن 80 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۇرۇنلىشىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھازىرلىقلارنى تاماملىدى. تۈركىيە قېزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە تەبىئىي ئاپەتلەرگە  ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى دەسلەپكى باشقۇچتا كېلىش ئالدىدا تۇرغان 10 مىڭ كىشى ئۈچۈن ئىدلىبتا چېدىر شەھەر قۇرۇشقا باشلىدى. ئېغىر يارىدارلار بولسا، داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىغان بولدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەلەب» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەلەبتە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن نۇمۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر ھەل قىلىش چارىسى خالايدىغان بولسا، ئالدى بىلەن ھەلەبتىكى ئەھۋاللارنى كونتروللۇققا ئېلىش شەرت» دېدى. تۈركىيەنىڭ ھەلەبتىكى خەلقنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركېل ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەردوغان: «يۆتكەش خىزمەتلىرىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇتۇققا ئېرىشتۈرگەن ھېچ نەرسە يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغان تەقدىردە، تۈركىيە زىيان تارتىدىغان ھېچ قانداق نەرسە يوقلۇقىنى ئېيتتى. سلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاھار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «بىز ۋىزا مەسىلىسىدە خالىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىسەك ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى قىزىل ئاي جەمئىيتىگە تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى تۆلىمىسە ھەمدە پۈتۈن بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىسا، تۈركىيەنىڭ ب ۋە ج پىلانى چوقۇم بولىدۇ. بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭمۇ ئېلىنغان قارارلارنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل دېيىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. چۈنكى ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بىزنى ئۇتۇققا ئېرىشتۇرگەن ھېچ بىر ئىشى يوق» دېدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئامېرىكىدىن تۈركىيەگە قوش مەدھىيە» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى يازدى:

دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئامېرىكىلىق قوماندانى گېنېرال سىتېپېن توۋنسېند تۈركىيەنىڭ ئەلبابقا قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ۋە باشىكادىكى ھەربىي بازىسىنى مەدھىيەلىدى. ئەل بابنىڭ دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىتېپېن توۋنسېند باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۇرگەن مۇسۇللۇق يەرلىك قىسىمغا قارىتا، «ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلماقتا ۋە ئاجايىپ ياخشى ماھارەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى

سىتار گېزىتى «ياۋرو ئاسىيا تونىلى ئاپتومۇبىل ئۆتۈشكە تەييار ھالەتكە كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئىستانبۇل بوغۇزىنى يەر ئاستىدىن ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان 14.6 كېلومېتىرلىق ياۋرو ئاسىيا تونىلى 20 – دىكابىر كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىدۇ. كازلىچەشمە ۋە گۆزتەپە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ياۋرو ئاسىيا تونىلىنى ئىشلىتىدىغان 130 مىڭ ئاپىتومۇبىل 15 – ئىيۇل شېھىتلەر كۆۋرۈكى قاتارلىق شەھەرنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدىكى قاتناش زىچلىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. ئەسلىدىكى 100 مىنۇتلۇق يول 15 مېنۇتقا چۈشىدۇ. شۇ ئارقىلىق يىلىغا يۈزلەرچە مىليون لىرالىق يېقىلغۇ تېجەپ قىلىنغان بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر