تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 28.10.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

599116
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 28.10.2016

 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئىككىنچى كاندىلغا رۇخسەت بەرمەيمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ۋە ئۇنىڭ قويروقچىسى بولغان كىشى ۋە تەشكىلاتلارغا قارشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجاردا يېڭى بىر كاندىل يارىتىشنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە: «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، جەرابلۇس، راي، دابىق ۋە ئەل بابنىمۇ تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىچقا ۋە راققەگە يۈزلىنىمىز. بۇنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباماغىمۇ ئېيتتىم» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «تۈركىيە خەلقى 15 – ئىيۇلدا ئىقتىسادنىمۇ قۇتقۇزدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سېلىنما مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئايلانما مەبلىغى 666 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىگە 15 – ئىيۇل ۋەقەسىنى ئاڭلاتتى. بىنالى يىلدىرىم: «ئۇ كۈنى پەقەتلا ھەربىي ئىسيان باستۇرۇلمىدى، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركىيە خەلقى دۆلەت ئىقتىسادىنىمۇ كاپالەت ئاستىغا ئالدى. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەربىي ئىسياندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشى ئىنتايىن چەكلىك بولدى. تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى بازارغا مۇداخىلە قىلىش ئېھتىياجىمۇ ھېس قىلمىدى» دېدى.  باش مىنىستىر يەنە، پەن – تېخنىكا، خىمىيە، تىرانسپورت قاتارلىق 7 ساھەگە خۇش خەۋەر بەردى. بۇ ساھەلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردا قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقىنى ۋە مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈشلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

خەبەر تۈرك گېزىتى، «بەزى دۆلەتلەردىن جاي ئىزدەش باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ئامېرىكىدا ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا مەلۇمات بەردى. فەتھۇللاھ گۇلەننىڭ باشقا بىرەر دۆلەتكە قېچىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىغا دائىر قولىدا كۈچلۈك ئىستىخباراتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كانادا، بېلگىيە، نورۋېگىيە ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەردىن جاي ئىزدىمەكتە. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى بىلەن جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىمىز يوق. قېچىشقا يەر ئىزدەش ئۈچۈن بەزى دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئېھتىمالى كۈچلۈك. گۈلەننىڭ بۇنداق ئەركىن لاغايلاپ يۈرىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.

سىتار گېزىتى، «ئىسلامى مالىيە ساھەسىدە تۈركىيەدە تۇنجى قەدەم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى بۈگۈن خەلقئارا ئىسلام ئىقتىسادى ۋە مالىيە تەتقىقات مەركىزى بىناسىنىڭ داغدۇغىلۇق ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. بىنانىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈۋەيت تۈرك بانكىسى بىلەن ئەل بەرەكە تۈرك ھەسسىدارلىق بانكىلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. خەلقئارا ئىسلام ئىقتىسادى ۋە مالىيە تەتقىقات مەركىزى ئىسلامى مالىيە ساھەسىدە ئۈلگىلىك خىزمەتلەرنى قىلىشنى نىشان قىلماقتا. تۈركىيەدە ئىسلام ئىقتىسادى ۋە مالىيە ساھەسىدە ئۇنىۋېرسىتېت سەۋىيەسىدە قۇرۇلغان تۇنجى تەتقىقات مەركىزى بولۇش ئالاھىدىكى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈرك فىلىملىرى فىرانكفورتقا قاراپ يولغا چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان فىرانكفورت تۈرك فىلىملىرى فېستىۋالى 30 - ئۆكتەبىردە باشلىنىدۇ. 16 – نۆۋەتلىك فىرانكفورت تۈرك فىلىملىرى فېستىۋالى 5 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ. فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئوزان گۈۋەن ۋە مەريەم ئۇزەر بىرلىكتە ئىشلىگەن «ئانامنىڭ يېرىمى» ناملىق فىلىمنى كۆرسىتىش بىلەن باشلىنىدۇ. گۈنگۈر بايراق ۋە مۇرات سويدانغا شەرەپ مۇكاپاتى تەقدىم قىلىنىدۇ ھەمدە ئالدىنقى يىلى ۋاپات بولغان زەكى ئالاسيا ئۈچۈنمۇ «ئۇنتۇلمىغانلار» بۆلۈمىدە بىر خاتىرىلەش پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. فېستىۋالدا 50 دىن ئارتۇق تۈركىيە فىلىملىرى كۆرسىتىلدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر