قارا دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن 40 پاراخوت تېپىلدى

ئوسمانلى ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىن قالغان پاراخوتلار قارا دېڭىزدا 1800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى «ئۆلۈك رايون» دەپ تونۇلغان جايدىن تېپىلدى.

596666
قارا دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن 40 پاراخوت تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا دېڭىزدا ئوسمانلى ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىن قالغان 40 تىن كۆپرەك پاراخوت دېڭىز ئاستىدىن تېپىلدى.

پاراخوتلار ئەنگلىيە «Southampton» ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق  قارا دېڭىز ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقات لايىھەسى ناملىق گۇرۇپپا تەرىپىدىن 1800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى «ئۆلۈك رايون» دەپ تونۇلغان جايدىن تېپىلدى.

ئارخىئولوگلار «3D» ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلغار تېكنىكىلىق فوتو – سۇرەت ئاپىراتلىرى ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت قالدۇقلىرىنىڭ ئوكسېگىن بولمىغانلىقتىن بۇزۇلماي ساقلىنىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قارا دېڭىزدا ئوكسېگىن ۋە كۈن نۇرى بولمىغان جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن پىروفېسسور جون ئادامس: «لايىھەمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى دېڭىز ئاستىدا تېپىلغان ياردىكارلىقلارنى يەر يۈزىگە چىقىرىش، تارىخىي بىلەن سالاھىيەتلىرىنى بەلگىلەپ، قارادېڭىزنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ رايوندا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆزگەركەنلىكى ۋە قانداق يۈزلىنىشتە تەرەققى قىلغانلىقى ھەققىدە داۋاملىق دېگۈدەك كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرىدىغان سوئاللارغا جاۋاپ تېپىشنى خالايمىز» دېدى.   

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر