ئىستانبۇلدا ياۋرو ئاسىيا ئىسلام شۇراسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

يىغىنىنىڭ تېمىسى «ياۋرو ئاسىيادا ئىسلام؛ دىننى سۇيىئېستىمال قىلىشقا قارشى ئىتتىپاقلىق ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» بولۇپ بەلگىلەندى.

585420
ئىستانبۇلدا ياۋرو ئاسىيا ئىسلام شۇراسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا 11 – ئۆكتەبىردىن 14 – ئۆكتەبىرگىچە 9 – نۆۋەتلىك ياۋرو ئاسىيا ئىسلام شۇراسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرو ئاسىيا ئىسلام شۇراسى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ياۋرو ئاسىيادا ئىسلام؛ دىننى سۇيىئېستىمال قىلىشقا قارشى ئىتتىپاقلىق ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» بولۇپ بەلگىلەندى.

دولما باھچە سارىيىدا ئېچىلىش ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان يىغىندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. ئېچىلىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى ئۇلتۇرۇشىنىڭ تېمىسى «يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت ھېسابلىنىدىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋرو ئاسىيادىكى تەسىرى» بولۇپ بەلگىلەندى.

ياۋرو ئاسىيا ئىسلام شۇراسى يىغىنىغا ئەزەربەيجان، بىلۇرۇسىيە، بوسنىيە – گىرېتسىگوۋېنا، بۇلغارىيە، ئېستونىيە، گىروزىيە، قازاقىستان، قاراتاغ، قىرىم، كوسوۋا، لىتۋانىيە، ماكېدونىيە، موڭغولىيە، مولدوۋا، رومېنىيە، رۇسىيە، سىلوۋېنىيە، تاجىكىستان، ئۇكرائىنا، گىرېتسىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، ئاۋستېرىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسارىيە، مىسىر ۋە ھىندىستاننىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ.

ياۋرو ئاسىيا ئىسلام شۇراسى يىغىنى 14 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاخىرىلىشىدۇ.

فةتهذللاهحع تئررورلذق تةشكعلاتع صاراللئل دألةت قذرذلمعسعنعث 15 – ظعيذلدعكع هةربعي - سعياسعي ظأزضعرعش قوزغاشقا ظذرذنذش هةرعكعتعضة 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر