باش تېررورچى فەتھۇللاھ گۈلەن سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمشلىرىنى پاش قىلدى

تۈركىيە مەتبۇئات، نەشرىيات ۋە ئىنفورماتسىيە باش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ 15 – ئىيۇلدىن كېيىن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىكى يالغانلىرىنى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

558342
باش تېررورچى فەتھۇللاھ گۈلەن سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمشلىرىنى پاش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىدارىمىز (تۈركىيە مەتبۇئات، نەشرىيات ۋە ئىنفورماتسىيە باش ئىدارىسى) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ 15 – ئىيۇلدىن كېيىن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىكى يالغانلىرىنى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئىدارىمىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنلا خەلقئارا مېدىيا ئورگانلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە ئېيتقان يالغانلار ۋە بىر – بىرىگە زىت باياناتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەن يۈزلەرچە كىشىنىڭ شېھىت بولۇشى، مىڭلارچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى گۈلەننىڭ يىللاردىن بۇيان ئېيتقان يالغانلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى گۈلەننىڭ تۈگىمەس يالغانلىرى

* فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى گۈلەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، يەنى 2016- يىلى 16-، 17- ئىيۇل كۈنلىرى The Guardian, Financial Times, Wall Street Journal ve The New York Times دېگەندەك ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باش جاۋابكارى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئۈچۈن، ئۆتمۈشتىن بۇيان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن، گۈلەننىڭ ‹12- سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشى توغرىسىدا تەشكىلات بىلەن چېتىشلىق ‹سىزىنتى› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئاخىرقى قاراقول» ناملىق ماقالىسىدە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ئەسكەرلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، «خىزىر مىسالى ياردىمىمىزگە يېتىشتى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنىدى.

* 2005 – يىلى 31- يانۋاردا «مىللىيەت گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسا، باش تېررورچى گۈلەن، 12 – سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ باشلامچىسى كەنان ئەۋرەننى ‹جەننەتلىك› دەپ ئېلان قىلغانىدى. گۈلەن، 28 – فېۋرال پوستمودېرن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش مۇساپىسىدە 1997 – يىلى 16 – ئاپرېلدا «قانال د» نىڭ بىر سۆھبەت پىروگراممىسىغا چىقىپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ «رەفاھ – يول ھۆكۈمىتى» دىن بەكرەك دېموكراتچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتمۈشتىن بۇيانقى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋدايىلىقىنى نامايەن قىلىپ بەرگەنىدى. ئۆز ۋاقتىدىكى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتكە قارىتا «قابىلىيىتىڭلار يەتمىدى، ئەمدى بولدى قىلىڭلار» دېگەن باياناتلىرى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ھېلىھەم ھېلىقىدەكلا تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قۇربانى، زىيانكەشىلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى ئىكەنلىكى تونۇشىنى ئويغىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى.

* فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن، 2016 – يىلى 16 – ئىيۇلدا The Guardian, Financial Times  ۋە  The New York Times قاتارلىق گېزىتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، 2016 – يىلى 17 – ئىيۇلدا Wall Street Journal ۋە  Vesti TVبىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىر سېنارىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ كۈن بويىچە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن گۈلەن، بىر كۈن ئىلگىرى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر سېنارىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇشىغا قارىماي، 2016 – يىلى 18 – ئىيۇلدا BBC بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە يېقىن ئوفېتسىرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت يالغاننى ئېيتتى.

* فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى گۈلەننىڭ 17 – 25 – دېكابىر ۋە تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى توغرىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يالغانلارنى ئېيتقانلىقى، يېقىنقى سۆھبەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىقتى. دەسلەپتە، 17 – 25 – دېكابىر مۇساپىسى دائىرىسىدە تەشكىلاتنىڭ باشقىلارنى قانۇنسىز تىڭشاش قىلمىشلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن گۈلەن، 2016 – يىلى 17 – ئىيۇلدا Wall Street Journal بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسا، يېقىنقى چاغلارغىچە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكىلەردىن مەلۇمات ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، «جۇمھۇر رەئىسنىڭ يېنىدىكىلەر يەتكۈزگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا» دېگەن ئىبارىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى پاش قىلغان، ئىلگىرى ئېيتقانلىرىنى ئىنكار قىلغان بولدى. يەنە شۇ سۆھبەت جەريانىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى گۈلەن، 17 – 25 – دېكابىر ۋەقەلىرىنى ئۆزى تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گېرمانىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى.

* 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇيان پۇرسەت تاپقان ھامان پېنسىلۋانىيەدىكى سارىيىنىڭ دەرۋازىلىرىنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىگە كەڭ ئېچىۋەتكەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن، 2016 – يىلى 17- ۋە 18 – ئىيۇل كۈنلىرى CNN ۋە Wall Street Journal بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە، تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ بىر «خىيانەت مۇساپىسى» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئەمما ئۇ، 2014 – يىلى 27 – يانۋاردىكى BBC بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە بولسا، تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە قارشى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. يەنە، 2016 –  يىلى 4- ئاۋغۇستتا ئىراقتا تارقىتىش بېرىدىغان NRT قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېىشى گۈلەن، ئىلگىرىكى چاغلاردا تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان 10 ماددىلىق بىر تەكلىپنى ھۆكۈمەتكە سۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە  NRT قانىلى كۆرۈرمەنلەر قاتلىمىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان كوردلارنى كۈشكۈرتۈش ماھىيەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن قاچمىدى.

* فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى گۈلەن، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شەكىلدە ئىلگىرىكى ۋەز – نەسىھەتلىرىدىكى ‹دىن ئەربابى› ئوبرازىدىن پۈتۈنلەي خالىيلاشقاندەكلا كۆرۈنەتتى. بارلىق ۋەز – نەسىھەتلىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك تون ۋە ئاق دوپپا كىيىدىغان گۈلەن، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن سۆھبەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ئورنىغا كاستىيوم كىيىشنى تاللىدى ۋە سارىيىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكىچە (!) خانىلىرىدە سۈرەتكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىپ، ئۆزى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى بىلەن ئالاقىسى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئاددىي – ساددا بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكى تونۇشىنى پەيدا قىلىشقا تىرىشقانلىقى كۆرۈلدى.

يالغان ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان ھايات

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن، گەرچە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردە ئۆزىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى، تىنچلىقپەرۋەر، دىيالوگچى، كەمتەر بىر دىن ئادىمىدەك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، ھازىرغىچە ئېيتقان يالغانلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن ھالقىلىق جەريانلارغا مۇداخىلە قىلشىتىن ئۆزىنى تارتمىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، ھازىرغىچە 28 – فېۋرال پوستمودېرن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشى، ئەرگەنەقون، باليوز (بازغان)، تاھشىيە دېگەندەك سىياسىي ۋە ئەدلىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئادەملىرىنىڭ قولى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىپ، مىڭلارچە كىشىنىڭ قاماققا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولدى. 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بولسا، تەشكىلاتنىڭ كىرلىق ۋە قانلىق يۈزىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلىپ بەرگەن ئەڭ مۇھىم ھەرىكەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

گۈلەننىڭ تۇترۇقسىز باياناتلىرى

1 ) *  2016 – يىلى 16 –  ئىيۇل: «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق، مەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى.» Guardian, Financial Times, New York Times

*  2016 –  يىلى 17 –  ئىيۇل: «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋاسى سېنارىيەدۇر. ھەربىيلەر سېپىنى تازىلاش ئۈچۈن ئۆزلىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.» Wall Street Journal, Vesti TV

*  2016 –  يىلى 18 –  ئىيۇل: «ئۆكتىچى پارتىيەسىگە ھېسداشلىق قىلغۇچىلار بولۇشى مۇمكىن. دۆلەتچىلەر، مىللەتچىلەر بولۇشى مۇمكىن.» BBC World, Spiegel Online

*  2016 –  يىلى 18 –  ئىيۇل: «بىزگە يېقىن، مىللىي تۇيغۇلىرى بار ساددا كىشىلەر بۇ ئىشقا ئالدانغان بولۇشى مۇمكىن.» BBC World, Spiegel Online

 

2 ) *   2016 –  يىلى 16 –  ئىيۇل: «مەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى. دېموكراتىيەگە، سايلامغا ئىشىنىمەن.» Guardian, Financial Times, New York Times

*  1980 –  يىلى 30 –  سېنتەبىر: «ئۈمىدىمىز ئۈزۈلگەن نۇقتىدا خىزىر مىسالى ياردىمىمىزگە يېتىشكەن ئەسكەرلەرگە يەنە بىر قېتىم سالام بېرىمىز.» Sızıntı Dergisi

*  2005 –  يىلى 31 –  يانۋار: «12 – سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغان كەنان ئەۋرەن جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن.» Milliyet

*  1997 –  يىلى 16 –  ئاپرېل: «28 – فېۋرال ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغان ئەسكەرلەر تېخىمۇ دېموكراتتۇر... رەفاھ – يول ھۆكۈمىتى قابىلىيىتىڭلار يەتمىدى، ئەمدى بولدى قىلىڭلار.» Kanal D

 

3 ) *   2016 –  يىلى 16 –  ئىيۇل: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ ئويۇنغا ئالدانمايدۇ، زامانىۋىي قانۇننىڭ تەقەززاسىنى ئىجرا قىلىدۇ.»

*   2016 –  يىلى 16 –  ئىيۇل: «چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن قورقمايمەن، ئامېرىكا شۇنداق قارار قىلسا، شۇنداقمۇ بولىدۇ. خەلقئارا بىر كومىتېت قۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلسۇن.» Spiegel Online

 

4 ) *   2014 –  يىلى 27 –  يانۋار: «تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى مۇزاكىرىلىرىگە قارشى ئەمەسمەن.» BBC

*   2016 –  يىلى 16-، 17 –  ئىيۇل كۈنلىرى: «تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى بىر خىيانەتتۇر، تەشكىلات 2- 3 يىل شەھەرلەرگە قورال توپلىدى. بۇلارغا كۆز يۇمۇشتى. نۆۋەتتە شەرقنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى... تۈركىيەنى پارچىلاشنى پىلانلىدى.» The Wall Street Journal, CNN

*   2016 –  يىلى 4 –  ئاۋغۇست: «كورد مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قولىمىزدا ھازىر يازما ھالەتتە تۇرۇۋاتقان 10 ماددىلىق بىر پىلاننى جۇمھۇر رەئىسكە سۇندۇق، ئەمما رەت قىلىندى. شەرق قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇلدى.» NRT

 

5 ) *   2013 –  يىلى 17 – 25 - دېكابىر: «قانۇنسىز تىڭشاشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق.»

*   2016 –  يىلى 17 –  ئىيۇل: «17 – 25 – دېكابىر ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارى گېرمان ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بولۇشى مۇمكىن.» Wall Street Journal



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر