تەيۋەنلىك رەسسام ئانتاليادا كۆرگەزمە ئاچتى

تەيۋەنلىك رەسسام خىسىن كوۋ دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىدى.

527526
تەيۋەنلىك رەسسام ئانتاليادا كۆرگەزمە ئاچتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 2016 – يىللىق ئېكىسپورت يەرمەنكىسىدە، تەيۋەنلىك رەسسام خىسىن كوۋنىڭ تەيۋەن كۈلتۈرى بىلەن تەبىئەت مەنزىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن سو بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

تەيۋەنلىك رەسسام خىسىن كوۋ دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ يەنە كۆپ ساندا خۇسۇسىي ۋە كوللىكتىپ كۆرگەزمىلەرگە قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى ھەممىلا يەردە ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىماقتا.

چوڭ ھەجىملىك سۇ بوياق رەسىملىرىنىڭ ئانتاليا 2016 – يىللىق ئېكىسپورت يەرمەنكىسىگە تولىمۇ ماس كەلگەندىن باشقا يەنە، 2018 – يىللىق ئېكسپورت يەرمەنكىسىنىڭ خىسىن كوۋ تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن تايچۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغانلىقىمۇ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئالاھىدە مەنە قوشقان بولدى.

كۆرگەزمە گۈزەل سەنئەتلەر كۆرگەزمە بىناسىدا 29 - ئىيۇلغىچە زىياەرتچىلەرگە ئوچۇق بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر