ئامېرىكىدا مۇسۇلمان بىر دوختۇر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا بىر مۇسۇلمان دوختۇر بامبات نامىزىغا كەلگەن جامەنىڭ ئالدىدا قوراللىق ۋە پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

523813
ئامېرىكىدا مۇسۇلمان بىر دوختۇر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى پاي ئوق تەككەن دوختۇر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بولۇپ، ھۇجۇم ھىيۇستىن شەھىرىدىكى «مەدرىسە ئىسلامىييە مەسجىدى نۇر» جامەسىنىڭ ئالدىدا مەيدانغا كەلدى.

جامە باياناتچىسى مۇھەممەد ئىمادۇددىن يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، بامدات نامىزىغا كەلگەن دوختۇر ماشىنىسىنى كوچىنىڭ بىر چېتىدا توختىتىپ قويۇپ، جامەگە قاراپ كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، شەھەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان نۇرغۇن ھۇجۇملار يۈز بەرگەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىقابلىق زوراۋانلار ئالدى بىلەن دوختۇرغا پىچاق تىقىۋەتكەن، ئارقىدىن ئوق چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر