گوللاندىيەدە بىر جامە 15 قوراللىق زوراۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
گوللاندىيەنىڭ دوربىرېھت شەھىرىدىكى ئاياسوفيا جامەسى 15 قوراللىق زوراۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھۇجۇمدا ئىككى كىشى يارىلاندى.
517665
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زوراۋانلار جامائەتكە تۆمۈر تاياقلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
جامە مەسئۇللىرى گوللاندىيە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ ئىغۋاگەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جامائەتنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.
دوربىرېھت مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، خەلقنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.